مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ تۆمۈريولىدا بۇ يىل توشۇلغان يۈك مىقدارى 100 مىليون توننىدىن ئاشتى

2020.08.07 16:00 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  بۇلتۇرقىدىن 35 كۈن بۇرۇن بولدى

  شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لۇ فېڭباۋنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ تۆمۈريولىدا يۈك توشۇش مىقدارى سىجىل ئېشىپ، 8 - ئاينىڭ 3 - كۈنىگىچە جەمئىي 100 مىليون توننا يۈك توشۇلۇپ، يۈك توشۇش مىقدارىنى 100 مىليون توننىدىن ئاشۇرۇش نىشانى بۇلتۇرقىدىن 35 كۈن بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

  «بازار مۇقىم ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ئالدىنقى شەرتىدە، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىندىكى خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى توغرا تېپىپ، ئېشىش مىقدارىنى كېڭەيتىپ، مال مەنبەسىنى پائال قېزىپ، توشۇش كۈچىنى دەل جايىدا ماسلاشتۇرۇپ، كۆمۈر، مېتال رۇدىسى، پاختا، خىمىيەۋى ئوغۇت قاتارلىق كۆپ مىقدارلىق ماددىي ئەشيالارنى تېز قاچىلاپ، تېز توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى رېكورت ياراتتى» دېدى جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى يۈك توشۇش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى.

  بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ تۆمۈريولى سودا مۇلازىمىتى سالمىقىنى زورايتىپ، كارخانا، خېرىدارلارنى زىيارەت قىلىش، بازارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مال مەنبەسىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ ئېنىقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، «بىر كارخانىغا بىر جەدۋەل بولۇش» بويىچە خېرىدار ئارخىپى تۇرغۇزۇپ، خېرىدارلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئەشيا ئوبوروتى توشۇش لايىھەسى تۈزۈپ، ماركېتىڭ تۈرلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈردى، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈردى. تۆمۈريول كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ، ئىشلەپچىقىرىش، توشۇش، سېتىشتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىشىپ، يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىندىكى خېرىدارلارنىڭ سېتىش ۋە سېتىۋېلىش ئېھتىياجى قاندۇرۇلۇپ، ئۈچ تەرەپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  «جانلانغان توشۇش ئېھتىياجى ئالدىدا، بىز يول ئىقتىدارىدىن تولۇق پايدىلىنىش، ياخشى پايدىلىنىشقا كۈچەپ، يۈك قاچىلاش، توشۇش، چۈشۈرۈش ھالقىسىدىن باشلاپ قول سېلىپ، دەل جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇپ قوماندانلىق قىلىشنى يولغا قويدۇق» دېدى جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئورۇنلاشتۇرۇش ئورنىنىڭ مەسئۇلى.

  مەنبەدە ۋاگونغا قاچىلاشتىن پويىزنىڭ يولغا چىقىپ يۈرۈشىگىچە، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى ئادەم كۈچى، پاراۋۇز كۈچى، ئاپتوموبىل قاتارلىق جەھەتلەردە سېلىنمىنى زورايتىپ، ئۈستى ئوچۇق ۋاگونلۇق ئايلانما پويىز، 10 مىڭ توننىلىق پويىز، بولۇپمۇ 10 مىڭ توننىلىق 100 پويىزنىڭ جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭدا دائىملىق قاتنىشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، يەككە قېتىملىق نۆۋەتچى پويىزنىڭ توشۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تۆمۈريولنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلىدىكى توشۇش ئىقتىدارى يېتىشمەسلىك ئەھۋالىنى پەسەيتتى.

  «بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا، ئۈرۈمچى - شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولىدا كۈنىگە قاتنايدىغان پويىز 45 جۈپتىن 53 جۈپكە كۆپەيتىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 10 مىڭ توننىلىق 100 گۇرۇپپىلانغان پويىز كۈنىگە تۆت جۈپتىن سەككىز جۈپكە كۆپەيتىلدى» دېدى ئۈرۈمچى پاراۋۇز ئۇچاستىكىسى ئۈرۈمچى ئىشلىتىش سېخىنىڭ مۇدىرى جاڭ خاۋ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ