ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلار، گۇمانىي بىمارلار ۋە كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ھەقسىز داۋالىنىدۇ

2020.08.03 16:14 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 8-ئاينىڭ 2-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى.

  شۇ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خې شىنگو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۈرۈمچى شەھىرى دۆلەت، ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاش، قۇتقۇزۇش خىراجىتىنى راسچوت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلار، گۇمانىي بىمارلار ۋە كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلارنى داۋالاش، قۇتقۇزۇش خىراجىتىنىڭ ھەممىسىنى ھەقسىز قىلىپ، بىمارلار ۋە كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ خىراجەت مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ۋاقتىدا داۋالىنالماي قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئومۇمىي سوممىسى خام چوتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى سەۋەبىدىن قۇتقۇزۇشقا تەسىر يەتكۈزمەسلىككە كاپالەتلىك قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ