ئۈرۈمچىدە شەھەر بويىچە گۆش بىلەن تەمىنلەش كۈچەيتىلدى

550 توننا ئەرزان باھالىق گۆشنىڭ بازارغا سېلىنىشى مۆلچەرلەندى

2020.07.31 18:11 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 30-ئىيۇل، ئۈرۈمچى ئىقتىساد تەرەققىيات (تۇدۇنخابا) رايونى ۋەندا خۇافۇ مەھەللىسىدە پىدائىيلار يېڭى قوي گۆشىنى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ بەردى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ قېتىمقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ كۆكتات، ئاشلىق، ياغ، گۆش قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى. ھازىر شەھەر بويىچە گۆش، كۆكتات، ئاشلىق، ياغ بازارلىرى تولۇق تەمىنلىنىۋاتىدۇ. شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، نورمال بازاردا توپ سېتىش ئاساسىدا، ئۈرۈمچى شەھىرى يېقىندا گۆش تۈرىدىكى تاۋارلارنى بازارغا سېلىش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، ئەرزان باھالىق گۆشنى كەڭ كۆلەمدە بازارغا سالدى. مۆلچەرلىنىشىچە بازارغا سېلىش مىقدارى 550 توننىغا يېتىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ