مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تەرتىپنى ئەلالاشتۇرۇپ، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

2020.07.23 17:04 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  لى پېڭشىن ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ھەم نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، تەكشۈردى

  تەرتىپنى ئەلالاشتۇرۇپ، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

  شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى لى پېڭشىن ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ھەم نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، تەكشۈردى.

  ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى بەخت يولى 118 - نومۇردىكى مەمۇرلار ئولتۇراق رايونى ۋە ياشلار يولى 26 - نومۇردىكى رىگۇاڭ ئولتۇراق رايونىدىكى مەركەزلىك ئەۋرىشكە ئېلىش نۇقتىسىدا، نەق مەيداندىكى تەكشۈرتۈشكە كەلگەن ئامما تەرتىپلىك ھالدا بىر مېتىردىن ئارىلىق قويۇپ ئۆچرەتتە تۇرۇپ، شەخسىي ئۇچۇرى تىزىملىنىپ دەلىللەنگەندىن كېيىن ئەۋرىشكە ئېلىش رايونىغا كىردى، كەسپىي تېببىي خادىملارنىڭ ئەۋرىشكە ئېلىشنى تاماملىشىغا پەقەت ئۈچ مىنۇتتىن بەش مىنۇتقىچە ۋاقىت كېتەتتى. لى پېڭشىن نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنى تەشكىللەپ يولغا قويۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، مەھەللە خىزمەتچىلىرى، ئاھالىلەر بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. لى پېڭشىن مۇنداق تەلەپ قىلدى: مەركەزلىك ئەۋرىشكە ئېلىش نۇقتىلىرى نەق مەيداننىڭ تەرتىپىنى قوغداش ۋە توپلىغان ئەۋرىشكە، سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرلىرىنى قوغداش - باشقۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى، داۋالاش ئاپپاراتلىرى بىلەن ئۇدۇللىشىشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاشقا پۇختا ئاساس سېلىپ، كەڭ ئاممىنىڭ كۆڭلىنى تىندۇرۇشى، خاتىرجەم قىلىشى كېرەك.

  لى پېڭشىن مەھەللە خىزمەتچىلىرى ۋە پىدائىيلارنىڭ زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئاھالىلەرنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكى، مەھەللىنىڭ تۇرمۇش تەرتىپىنىڭ نورمال، مۇقىم بولۇۋاتقانلىقىنى ئىگىلەپ، مەھەللە خىزمەتچىلىرى، پىدائىيلاردىن ھال سورىدى، تەۋە جايدىكى ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلاردىن ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى، ئۈرۈمچى دىئەن يۈەندىڭ تېببىي تەكشۈرۈش ئورنىدا، لى پېڭشىن نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش، تەجرىبە قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى ھەم نەق مەيداندا ئىش بېجىرىپ، تەكشۈرۈش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش مەسىلىسىنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى. لى پېڭشىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى مۇھىم ھالقا، مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، تەجرىبىلەرنى ئۈزلۈكسىز يەكۈنلەپ، تەرتىپنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە كېرەكلىك خادىم، ئۈسكۈنە ۋە مەبلەغنى تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەۋە جاي، تارماق، ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىش كېرەك. خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەۋرىشكە ئېلىش، تەكشۈرۈش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلاردا سۈپەتنى كونترول قىلىش ۋە ئۆزئارا جىپسىلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تەكشۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ۋاقتىدا تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، بېسىپ قويماسلىق، كېچىكتۈرمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئۈرۈمچى شەھىرى تەۋەلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرىنى زۆرۈر ياردەم بىلەن تەمىنلەپ، بالدۇر بايقاش، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  تېببىي خادىملار يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتىكى تايانچ كۈچ. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، لى پېڭشىن كەڭ تېببىي خادىملاردىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: كۆپچىلىك سالامەتلىكىنى ئوبدان ئاسراپ، شەخسىي مۇداپىئەلىنىشنى ياخشى قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ئەمەلىي، يېقىشلىق تەدبىر قوللىنىپ، تۇرمۇش كاپالىتىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، داۋالاش، مۇداپىئەلىنىش ماددىي ئەشيالىرىدا ئالدى بىلەن بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خادىملارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، تېببىي خادىملارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى ھەقىقىي ياخشى قوغدىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن مەڭلىك سىيىت، ۋەن خەيچۇەن، ياڭ يۇڭ بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ