مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى كارخانىلارنىڭ شەخسىي ئىناۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بەردى

2020.07.23 17:02 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  2020-يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋەدىسىدە تۇرمىغان بازار سۇبيېكتلىرىنى بىرلىشىپ جازالاشنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كارخانىلارنىڭ شەخسىي ئىناۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە، قانۇنغا رىئايە قىلىپ تىجارەت قىلىشىغا پائال يېتەكچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلەتتى.

  7-ئاينىڭ 15-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭدا 96 مىڭ 988 كارخانا بىنورمال تىجارەت قىلىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن، 39 مىڭ 17 كارخانا تىزىملىكتىن چىقىرىلغان؛ 19 مىڭ 784 دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىنورمال تىجارەت قىلىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن، 7676سى تىزىملىكتىن چىقىرىلغان؛ 563 مىڭ 395 يەككە سودا-سانائەتچىگە بىنورمال تىجارەت قىلىش بەلگىسى قويۇلغان، 161 مىڭ 214ى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن؛ قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ ۋەدىسىدە تۇرمىغانلار تىزىملىكىدە 19 مىڭ 234 كارخانا بار بولۇپ، 2368ى تىزىملىكتىن چىقىرىلغان، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ھەسسە قوشقان.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ