ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملانغانلار تىزىملىكىگە يېڭىدىن قوشۇلۇپ كۆپەيگەنلەر بىر قەدەر زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى، ئەمما تارقىتىش خەۋپ-خەتىرى يەنىلا مەۋجۇت

2020.07.22 17:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7- ئاينىڭ 21- كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى رۈي باۋلىڭ 21- چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۈرۈمچى شەھىرىدە 7- ئاينىڭ 20- كۈنى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىغا ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغانلار ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار ئالدىنقى ئۈچ كۈندىكىدىن زور دەرىجىدە ئازايدى. ئەمما نۆۋەتتە يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تارقىلىش خەۋپ-خەتىرى يەنىلا مەۋجۇت، ئاھالىلەر بۇنىڭغا بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ