مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭدا ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى مۇقىم ۋە تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 24- ئىيۇل ئەتراپىدا ئېلان قىلىنىدۇ

2020.07.17 16:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان يۇرتىدىن ئىگىلىنىشىچە، ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2020- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى مۇقىم ۋە تەرتىپلىك ئىشلىنىۋاتىدۇ. ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە ئەمەلىي مۇساپىسىگە ئاساسەن، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە ئورۇن تەرتىپىنى 7- ئاينىڭ 24- كۈنى ئەتراپىدا ئېلان قىلىش مۆلچەرلەنمەكتە.

  بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش جەريانىنى باشقۇرۇپ ۋە سۈپەت نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئىلمىي، توغرا، بىخەتەر ۋە قېلىپلاشقان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش نۇقتىسىدا پەن بويىچە قەغەز تەكشۈرۈش، پەن-تېخنىكا جەھەتتىن قوللاش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تەكشۈرۈش ۋە ئارقا سەپ كاپالىتى قاتارلىق ئىشلار بويىچە 25 خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى، كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرى ۋە تارماقلار ھەمتۈرتكە بولۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، كۆپ قېتىم ماسلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، قاتلاممۇ قاتلام بويىچە مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالىنىپ، ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنىڭ ۋاقتىدا ۋە سۈپەتلىك تاماملىنىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىندى.

  بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش سالاھىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان 1500دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى ۋە خىزمەتچى خادىمنى تاللاپ چىقتى، ھەر ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردىكى پەن ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، كەسپىي سەۋىيەسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان 1- سەپتىكى تايانچ ئوقۇتقۇچىلار تەۋسىيە قىلىندى.

  ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈشتىن بۇرۇن قاتلاملارغا بۆلۈنۈپ سىستېمىلىق كەسپىي جەھەتتىن تەربىيىلەندى، ئاندىن ھەر قايسى پەنلەر گۇرۇپپىلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا نۇسخا قەغەزنى تاللاپ چقىپ تەربىيەلەپ، سۇبيېكتىپ سوئاللارنىڭ نومۇر ئۆلچىمىنى مۇۋاپىق كونترول قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى؛ ھەر قايسى پەنلەر گۇرۇپپىلىرى ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى خىزمەت ئىنتىزامى ۋە مەخپىيەتلىكنى ساقلاش بەلگىلىمىسى، سىستېما ئىشلىتىش ۋە نومۇر قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى قاتارلىق مەزمۇنلارنى چۆرىدىگەن ھالدا تەربىيىلەپ ۋە تەكشۈرۈپ، باھالاشتا لاياقەتلىك بولمىسا ئىش ئورنىغا چىقىشقا بولماسلىق تۈزۈمىنى يولغا قويدى. ئارقىدىن سىستېمىلىق ئىمتىھان سوئاللىرىنى تارقىتىش ئارقىلىق ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرىدىغان ئوقۇتقۇچىلار سىناپ تەكشۈرۈلدى، سىناپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرىدىغان ئوقۇتقۇچىلار نومۇر قويۇش پىرىنسىپى ۋە تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، رەسمىي تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇشىغا ياخشى ئاساس سالدى.

  قەغەز تەكشۈرۈش سورۇنلىرىدا پۈتۈنلەي يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇش، خادىملارنى قاتتىق باشقۇرۇش ۋە ھەر ۋاقىت نازارەت قىلىپ سىن ئېلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى. ھەرقايسى پەنلەر گۇرۇپپىلىرى ئىلمىي ۋە مۇۋاپىق بولغان نومۇر قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، «نومۇر بېرىشتە يوللۇق بولۇش، نومۇر تارتىشتا ئاساسى بولۇش، كەڭچىلىك قىلىش ۋە قاتتىق بولۇشمۇ مۇۋاپىق بولۇش، ئۆلچەمنى بىرلىككە كەلتۈرۈش» پرىنسىپى بويىچە نومۇر قويۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا، پەن گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ياكى مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى «ماس كېلىش دەرىجىسى» ۋە «ئۈنۈملۈك بولۇش دەرىجىسى» قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەر ئارقىلىق، ھەر بىر ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرىدىغان ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ، بىر سىزغۇچ بىلەن ئاخىرغىچە ئۆلچەشكە كاپالەتلىك قىلدى. بۇنىڭدا ئەگەر ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرىدىغان ئوقۇتقۇچىلار نومۇر قويۇش ئۆلچىمىنى ئۈنۈملۈك ئىگىلىيەلمىسە دەرھال ئالماشتۇرۇلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان يۇرتىدا تۇرۇشلۇق ئىمتىھان قەغىزىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلغۇچى خادىملار ھەر قايسى پەن گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش سۈپىتىنى ئىختىيارىي ئارىلاپ تەكشۈردى.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ۋە پەن گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى باھالانغان تېمىلارنىمۇ ئارىلاپ تەكشۈردى. ھەر قايسى پەنلەردىكى ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يەنە شۇ پەندىكى ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قايتا تەكشۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ