شىنجاڭ تېتىما كۆلىدە دولقۇنلار قايتا مەۋج ئۇردى

2020.07.17 16:21 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 7-ئاينىڭ 16-كۈنى ئىككى سۇ قۇشى تېتىما كۆلىدە ئارام ئالماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تېتىما كۆلى شىنجاڭ تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي جەنۇبى، چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، ئېلىمىزدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدا كەڭ دائىرىدە ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈش يولغا قويۇلۇپ، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈرلىرى ۋە سانى كۆپەيدى، سۇ مۇھىتى ياخشىلاندى، بۇنىڭ بىلەن زىيانغا ئۇچرىغان ئېكولوگىيە سىستېمىسى ئۈنۈملۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، تارىم دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى تۈزەش نەتىجىسى يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ