مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەمەتئېلى ئاشخانا ئېچىپ سودىسىنى جانلاندۇردى، كىشىلىك ھاياتىنى جۇلالاندۇردى

2020.07.13 17:55 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 7 ئەتراپىدا، مۇخبىرلار مەمەتئېلى مەمتىمىننىياز قاراقاش ناھىيەسىنىڭ پۇرچاقچى بازىرىدا ئاچقان ئاشخانىغا كىردى. ئىشىكتىن كىرسىلا بەش - ئالتە چوڭ ئۈستەل بولۇپ، چىرايلىق سولياۋ داستىخان يېپىلغانىدى، ئىچىدە يەنە بىر قانچە كىچىك ئايرىمخانا بار ئىدى. دەل تاماق ۋاقتى بولغاچقا، مەمەتئېلىنىڭ خوتۇنى مەرھابا ئەلى مېھمان كۈتۈش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

  بىر ئازدىن كېيىن، مەمەتئېلى ئالدىراش يېتىپ كېلىپ مۇخبىرلارغا ئۆزرىخاھلىق ئېيتىپ مۇنداق دېدى: ئائىلىمىزنىڭ يەنە ئىككى مو بۇغدايلىقى بار، بۇ ئىككى كۈندە دەرھال يىغىۋېلىشىم كېرەك. ئۇ يەنە سۆزلىگەچ ئاشخانىغا كىرىپ، ئاشپەزدىن ياردەم كېرەكمۇ دەپ سورىدى، قارىغاندا ئۇ بىكار بولالمايدىغاندەك قىلاتتى.

  كۈندە پۇل تاپقاچقا ناھايىتى خۇشال ئۆتۈش

  بۇلتۇر 2 - ئايدا، مەمەتئېلى قاراقاش ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەلىنىشنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئىزچىل تۈردە ئاشخانا ئېچىشنى ئويلاپ كەلگەنىدى. ئائىلىسىنىڭ كوچىغا قارايدىغان بىر ئېغىز دۇكىنى بولۇپ، ئەتراپتا كېلىپ - كېتىدىغان پىيادىلەر، ئاپتوموبىللار ناھايىتى كۆپ ئىدى. دادىسىنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى ۋە قوللىشى ئارقىسىدا، مەمەتئېلى دۇكاننى قايتىدىن بېزەپ، توڭلاتقۇ، ئۈستەل - ئورۇندۇق، دېزىنفېكسىيە ئىشكاپى قاتارلىقلارنى سېتىۋالدى. 9 - ئايدا، مەمەتئېلىنىڭ ئاشخانىسى تىجارەت باشلىدى، ئورنى ياخشى بولغاچقا، سودىسى باشلىنىش بىلەنلا ناھايىتى قىزىپ كەتتى.

  ھەر كۈنى، مەمەتئېلى ئاشخانىغا سەھەر كېلىپ تازىلىق قىلىپ، ئۈستەل - ئورۇندۇقلارنى سۈرتىدۇ، ئىشىك ئالدىدىكى يولنىمۇ پاكپاكىز سۈپۈرىدۇ. ئاشخانا پولۇ، لەڭمەن، گەنبيەن سومەن، يەنە قورداق، داپەنجى، تۇدۇسىر قاتارلىق ھەر خىل قورۇمىلارنى چىقىرىدۇ. ئىلگىرى مەمەتئېلى ئاشخانا ئېچىپ باققان بولۇپ، پولۇلا ساتاتتى. بۇ قېتىم، ئۇ ئەتراپتىكى ئىستىمالچىلار توپىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن نۇرغۇن تۈرنى كۆپەيتتى. مەسىلەن، ئوقۇغۇچىلارغا يۈرۈشلۈك مىفەن چىقارغان بولۇپ، ئەرزان ئىدى؛ يەنە خۇڭشاۋ نيۇرۇ پىدەيميەن، غاز گۆشى پىدەيميەن قاتارلىق ئالاھىدە قورۇمىلار بولۇپ، كېلىپ - كېتىپ تۇرىدىغان شوپۇرلار، پىيادىلەرنىڭ ئىنتايىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

  ئاشخانىدا يەنە ناشتىلىق سېتىلىدۇ. مەمەتئېلى: ھەر كۈنى كېلىپ ناشتىلىق يەيدىغانلار ناھايىتى كۆپ، دېدى.

  سودىسى بارغانسېرى ياخشى بولغاچقا، مەمەتئېلى ۋە خوتۇنى ئىككىسى يېتىشەلمەي، يەنە ئىككى ئادەم تەكلىپ قىلدى. بىرى لەڭمەن سوزۇشقا مەسئۇل بولدى، يەنە بىرى مېھمان كۈتۈشكە ياردەملەشتى. «سودا ئەڭ ياخشى بولغاندا، بىر كۈندە 3000 يۈەن تاپقىلى بولىدۇ.» مەمەتئېلى خۇشال ھالدا مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: «جاپاسىغۇ بار، لېكىن كۈندە پۇل تېپىش ناھايىتى خۇشاللىنارلىق ئىش!»

  تەربىيەلەش مەركىزىدە ناھايىتى مەنىلىك ئۆتۈش

  مەمەتئېلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن جەمئىيەتكە قەدەم قويغان. ئۇ تاماق ئېتىشنى ياخشى كۆرەتتى، ئاۋۋال ئاشخانىدا ئىشلەپ، ئۇستامدىن پولۇ ئېتىشنى ئۆگەندى. ئىككى - ئۈچ يىلدىن كېيىن، مەمەتئېلى ئۆزى ئاشخانا ئېچىپ، مەخسۇس پولۇ ساتتى. بوش ۋاقىتلاردا، ئۇ تورغا چىقىپ ئويۇن ئويناشتىن باشقا، يەنە دائىم دوستلىرى بىلەن يىغىلىپ تۇراتتى.

  بىر قېتىم دوستلىرى بىلەن يىغىلغاندا، مەمەتئېلى كۆپچىلىكنىڭ ئىچىشى ئۈچۈن بىر نەچچە بوتۇلكا مىنېرال سۇ سېتىۋالدى، لېكىن بىر دوستى بۇ سۇنىڭ مۇسۇلمانچە بەلگىسى يوق ئىكەن، ئىچىشكە بولمايدۇ، دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ ھەممىلا يەردە قايسى نەرسىنىڭ «مۇسۇلمانچە» قايسى نەرسىنىڭ «مۇسۇلمانچە ئەمەسلىكى»گە دىققەت قىلىشقا باشلىدى. مەيلى قانداقلا يەيدىغان نەرسە بولسۇن، مۇسۇلمانچە بەلگىسى بولمىسىلا، ئۇ پەقەتلا يېمەيدىغان بولدى. كېيىن تەرەققىي قىلىپ، ھەر خىل تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىمۇ ھە دېسىلا مۇسۇلمانچە ئەمەس دەيدىغان بولدى. بىر قېتىم مەمەتئېلىنىڭ ئاپىسى ئۇنىڭغا بىر يېڭى ئىستاكان ئېلىپ بەرگەندە، ئۇ بۇنى مۇسۇلمانچە ئەمەس ئىكەن دەپ نەق مەيداندا چېقىۋەتتى، ئانىسى ئاچچىقىدا كۆڭلى يېرىم بولۇپ يىغلاپ كەتتى.

  بۇلا ئەمەس، مەمەتئېلى يەنە توردا ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىدىغان تور بېكىتىنى كۆردى ھەم توردا تارقىتىلغان ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى قەلبتىن ئىنتايىن ئېتىراپ قىلدى. ئۇ تاماكا چەكمەيدىغان، ھاراق ئىچمەيدىغان بولدى، خوتۇنىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلىشىگە، چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىشىگە يول قويمىدى. ئاتا - ئانىسى، خوتۇنى ئۇنىڭ قىلمىشىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلىپ، كۆپ قېتىم نەسىھەت قىلسىمۇ پايدىسى بولمىدى. ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا كەنت كادىرلىرى ياردەم قىلىپ، مەمەتئېلىنى قاراقاش ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە بېرىپ ئۆگىنىشكە نەسىھەت قىلدى.

  تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە، ھەر كۈنى ئېلىپ بېرىلىدىغان دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى، قانۇن بىلىملىرى ۋە كەسپىي ماھارەت ئۆگىنىشى مەمەتئېلىغا يېڭى بىر دەرۋازا ئېچىپ بەردى. مەشغۇلات قانۇنىيەتلىك، ئۆگىنىش مەزمۇنى مول، دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلى يېڭىچە بولغاچقا، مەمەتئېلى بۇ يەرنى ناھايىتى تېزلا ياقتۇرۇپ قالدى. دەرسكە قاتناشقاندىن كېيىن ئۇ ئاندىن ئىلگىرى ئۆزى «ناھايىتى داۋلىسى بار قائىدە» دەپ قارىغانلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ ئازدۇرۇشى ئىكەنلىكىنى تەدرىجىي چۈشەندى. ئىلگىرىكى قىلمىشلىرى بەغەرەزلىك بولۇپ، مۇشۇنداق كېتىۋەرسە تېگى يوق ھاڭغا چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى.

  ھەق - ناھەقنى ئېنىق ئايرىۋالغاندىن كېيىن، مەمەتئېلى تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى ئۆگىنىش، تۇرمۇشنى ئىنتايىن قەدىرلىدى. ئۇ تىزىمغا ئالدۇرۇپ ئاشپەزلىك سىنىپىغا قاتنىشىپ، ھەربىر كۈنىنى ناھايىتى مەنىلىك ئۆتكۈزدى.

  ياخشى تۇرمۇش تىرىشچانلىققا تايانغاندا ئاندىن ئەمەلگە ئاشىدۇ

  مەمەتئېلىنىڭ تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە ئۆگەنگەن ئاشپەزلىك ھۈنىرىنىڭ ھەممىسى ئەسقاتتى.

  «بۇ يىل ناھىيە بازىرىدا چوڭراق ئاشخانا ئېچىشنى ئويلاۋاتىمەن.» مەمەتئېلىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ بىر دۇكانغا كۆزى چۈشكەن بولۇپ، ئەتراپىدا نۇرغۇن ئىدارە بار ئىكەن، ناھايىتى ئاۋات ئىكەن. «بازاردا قورداق، گوباۋرۇ قاتارلىق بىر قىسىم باھاسى قىممەت قورۇمىلارنى بۇيرۇتىدىغانلار بىرقەدەر ئاز، لېكىن ناھىيە بازىرىنىڭ ئىستېمال سەۋىيەسى يۇقىرى، چوقۇم بازاردىكىدىن كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدۇ».

  مەمەتئېلىنىڭ نىشانى بۇلارلا ئەمەس. «ئۇكام ئىچكىرى رايوندا ئاشخانا ئاچىدۇ، سودىسى بەك ياخشى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، شىنجاڭ تائاملىرى ئىچكىرى رايونلاردا ناھايىتى ئالقىشلىنىدىكەن، پۇل تاپقاندىن كېيىن، مەنمۇ ئىچكىرى رايونغا بېرىپ ئاشخانا ئېچىشنى ئويلىشىۋاتىمەن.» بۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقاندا، مەمەتئېلى ناھايىتى ئىشەنچكە تولغانىدى. خوتۇنى مەرھابا بىر چەتتە تۇرۇپ: «مەن ئۇنىڭ ئويىنى ناھايىتى قوللايمەن، ئۇ ھازىر قانداقلا ئىش بولسا مېنىڭ پىكرىمنى ئالىدۇ» دېدى.

  مەرھابا بىر جۈپ چىرايلىق ئالتۇن ھالقا تاقىۋالغانىدى، بۇ، مەمەتئېلى يېقىندا ئۇنىڭغا ئېلىپ بەرگەن تۇغۇلغان كۈن سوۋغىسى ئىدى. «ئۇ ماڭا سوۋغا قىلغاندا، مەن بەك تاسادىپىيلىق ھېس قىلدىم ھەم بەك خۇشال بولدۇم» دېدى مەرھابا سەل تارتىنغان ھالدا.

  «ئەر - خوتۇنلار بىر - بىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك، ياخشى تۇرمۇشنى ئورتاق تىرىشچانلىقىمىزغا تايانغاندا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ» دېدى مەمەتئېلى كۆلۈپ تۇرۇپ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ