مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سىياسەتلەرنى زىچ چىقىرىش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش

2020.07.13 17:52 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى. 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو نېفىت داشۆسى(بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونىدىكى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا يازغان جاۋاب خېتىدە مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، ھۆكۈمەتلەر ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ھەقىقىي تۈردە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز تەسىرنى يېڭىپ، تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز خىزمەت ئورۇنلىرىدا پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن تۆھپە يارىتىشىنى قىزغىن قوللىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىگە باشتىن - ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كەسكىن ۋەزىيىتى ئالدىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، پائال تۈردە ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، سۇپا ھازىرلاپ، يول ئېچىپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئاسان ئورۇنلىشىش، ياخشى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارمۇ خىرىسقا پائال يۈزلىنىپ، كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، بۇ ئىشقا ئورۇنلىشىش پەسلىدىكى چېنىقىشتا كەلگۈسىگە ئىنتىلىشى كېرەك. بۈگۈندىن باشلاپ شىنجاڭ گېزىتى «ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرەيلى» سەھىپىسىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ياخشى تەدبىرى، ياخشى ئۇسۇللىرىنى خەۋەر قىلىدۇ، دىققەت قىلغايسىزلەر.

  «مەن ئۈچ ئايلىق تەربىيەنى تاماملاپ، رەسمىي ئىش ئورنىغا چىقتىم، ھازىر ئايلىق مائاشىم 4000 يۈەندىن ئاشىدۇ» دېدى 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى مەيچۈئېر گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ خادىمى، شىخەنزە داشۆسىنى پۈتكۈزگەن خې شۆتىڭ خۇشال ھالدا.

  ھازىر خې شۆتىڭغا ئوخشاش ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن نۇرغۇن ئوقۇغۇچى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يۆلەش سىياسىتىدىن نەپ ئېلىپ، خىزمەت تېپىپ، كىشىلىك ھاياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى. بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز يۆلەش سىياسەتلىرىنى زىچ چىقىرىپ، يول ئېچىپ، سۇپا ھازىرلاپ، ئىش ئورنىنى كۆپەيتىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن چىقىش يولى بولۇشىغا ياردەم بەردى.

  قاتتىق تەدبىر، ئەمەلىي تەدبىر ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى

  7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ھۆكۈمەت تور بېكىتىدە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ئاشكارا خىزمەتچى خادىم تەكلىپ قىلىدىغان 2 - تۈركۈمدىكى 6338 ئىش ئورنىنى ئېلان قىلدى. «بۇ يىل، كېلەر يىلى ئىككى يىلدا پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك كەسپىي ئورۇنلاردىكى بوش قالغان ئىش ئورنى %80تىن تۆۋەن بولماسلىق نىسبىتى بويىچە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى مەخسۇس تەكلىپ قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى كەسپىي ئورۇنلار كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ما يۇڭشېڭ.

  يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايون ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردىن سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئىمكانقەدەر بارلىق چارىلەرنى ئويلاپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مەيدان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي يېڭىشنى، تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم بولۇشىنى ساقلىشىنى تەلەپ قىلدى.

  بىر قاتار سىياسەتلەر زىچ چىقىرىلدى، «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىدە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ 2020 - يىلى ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشىنى باشقۇرۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى چارە» «2020 - يىلى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش لايىھەسى» قاتارلىق سىياسەتلەردە مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىدە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىل ئاخىرىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنىڭ %88تىن كۆپرەككە يېتىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  بىر قاتار قاتتىق تەدبىر، ئەمەلىي تەدبىرلەر جانلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى: كارخانىلار ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا قوبۇل قىلسا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم تولۇقلىمىسى ۋە بىر قېتىملىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا قوبۇل قىلىش ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ؛ ئاساسىي قاتلامدىكى ناھىيە، يېزىلاردىكى ئورگان، كەسپىي ئورۇنلار ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ھەم تۆتىنچى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى جاپالىق، چەت، يىراق رايونلارغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشقانلار نوپۇسقا ئالدۇرۇش، ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى ۋاكالىتەن تۆلەش، مۇددەتتىن بۇرۇن رەسمىيلەشتۈرۈپ دەرىجىسىنى بېكىتىش، مائاشىنى يۇقىرى بېكىتىش قاتارلىق سىياسەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ؛ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەنلەر ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 200 مىڭ يۈەن ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئاساسىي كۈتۈنۈش، ئاساسىي داۋالىنىش، ئىشسىزلىقتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ تولۇق سوممىلىق ياردەم تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.

  ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئىش ئورنىنى كۆپەيتىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاللىشى ئۈچۈن تەمىنلىدى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە 85 مىڭ 600 ئىش ئورنىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ جەملىدى، 2020 - يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەسپىي ئورۇنلار 17 مىڭ ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىشنى پىلانلىدى، 2020 - يىلى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلىلەرگە 24 مىڭ ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلدى، «ئۈچنى قوللاش، بىرنى يۆلەش» بويىچە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىدىن 2000نى قوبۇل قىلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 100دىن ئارتۇق دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانا 5000دىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلدى...

  «مەن <ئۈچنى قوللاش، بىرنى يۆلەش> ئىش ئورنىغا ئىمتىھان بېرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتىمەن، بۇ جەھەتتىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى ناھايىتى ياخشى، يەنە تۇرمۇش خىراجىتى ياردەم تولۇقلىمىسى، ماكانلىشىش خىراجىتى ياردەم تولۇقلىمىسى ۋە مۇلازىمەت مۇددىتى توشۇپ ئىشقا ئورۇنلىشىشتا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى بار.» تارىم داشۆسىنى ئەمدىلا پۈتكۈزگەن دىلشات ئەنۋەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، ئۆگەنگەن كەسپىي بىلىملىرىنى ئىشلىتىپ يۇرتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر كىشىلىك كۈچ قوشۇشنى قارار قىلغان.

  ئىشقا ئورۇنلىشىشقا مۇلازىمەت قىلىش ئۈزۈلۈپ قالمىدى، بوش قالمىدى

  «مەن توردا تەكلىپ قىلىش يىغىنىدا قىسقىچە تەرجىمىھالىمنى يوللىدىم، توردا يۈز تۇرا ئىمتىھان بېرىش ئارقىلىق، ئىشقا ئورۇنلىشىش كېلىشىمىنى ئوڭۇشلۇق ئىمزالىدىم» دېدى ئىلى سىفەن داشۆسى ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپى كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى چېن يۆ مۇخبىرغا.

  «بۇلۇت تەكلىپ قىلىش» بۇ يىللىق تەكلىپ قىلىشنىڭ ئاساسىي ئېقىمى بولۇپ قالدى. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى مۇلازىمەت شەكلىنى ئەلالاشتۇرۇپ، توردا خىزمەت ئىزدەش، تەكلىپ قىلىش مۇلازىمىتىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، «2020 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار تور بۇلۇت تەكلىپ قىلىش» سۇپىسىنى مەخسۇس قۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىنىڭ تەكلىپ قىلىش تور بېكىتى ئۇچۇرى، ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئۇچۇرى، تۈرلۈك ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىش ئۇچۇرىنى يىغىپ توپلاپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت ئىزدىشىگە قولايلىق يارىتىپ بەردى.

  3 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونىمىز پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە 10 مىليون ئىش ئورنىغا توردا تەكلىپ قىلىش 100 كۈنلۈك مەخسۇس ھەرىكىتىنى ئۆتكۈزدى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ ھەرىكەتتە جەمئىي 464 مەيدان قېتىم تۈرلۈك توردا تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، 136 مىڭ ئىش ئورنى تەمىنلەنگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا تەمىنلەنگەن ئىش ئورنى 46 مىڭغا يېقىن بولۇپ، 30 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىن ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى بۇ تۈرلۈك توردا تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشقان.

  ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى كارخانىلارغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەش ۋە ئىلھام بېرىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى، مائارىپ نازارىتى بىرلىكتە 2020 - يىللىق شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار توردا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش 100 كۈنلۈك پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، تور، نەق مەيدان، مەكتەپكە كىرىش قاتارلىق توردىكى، تور سىرتىدىكى تۈرلۈك تەكلىپ قىلىش شەكىللىرى ئارقىلىق، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، 2020 - يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن 3000 ئوقۇغۇچىنى تەشكىللەپ ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە پىراكتىكا قىلىشقا قاتناشتۇردى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئورگانلار، كەسپىي ئورۇنلار، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق كارخانىلىرى، دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلار، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلاردىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار پىراكتىكا قىلىشقا ماس كېلىدىغان ئىش ئورنىدىن 6636نى جەملەپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاللىشى ئۈچۈن تەمىنلىدى، پىراكتىكا قىلغان مەزگىلدە تۇرمۇش خىراجىتى ياردەم پۇلى تارقىتىپ بەردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى ما جاۋفېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىز مەھەللە، كەنتنى بىرلىك قىلىپ، «تۇنجى بېكەت تىزىمغا ئالدۇرۇشقا مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى»نى يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىش، باشقۇرۇش بويىچە راست نام تۈزۈمى تىزىملىك دەپتىرى تۇرغۇزۇپ، بىر - بىرلەپ ئالاقىلىشىپ ئېھتىياجىنى ئىگىلەپ، قاراتمىلىققا ئىگە بولغان كەسپىي جەھەتتىن يېتەكلەش بىلەن تەمىنلەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىش ئورنىنى نۇقتىدىن نۇقتىغا يەتكۈزدى. تەلەپلەرگە ئاساسەن، ھەرقايسى جايلار ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بار ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىمدىن كەم بولمىغان ئىش ئورنى تەۋسىيەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنى «بىرگە بىر» ياردەم بېرىپ يۆلىدى

  «ئوقۇتقۇچىلار بىزگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، 3 - ئاينىڭ بېشىدىلا ماڭا تېلېفون قىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەقسىتىمنى سۈرۈشتۈرۈپ، ماڭا كۆپ قېتىم ئىش ئورنى تەۋسىيە قىلدى، بۇنىڭ بىلەن مەن ئوڭۇشلۇق ھالدا خىزمەت تاپتىم.» يۇقۇمنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىرىنچى ۋاقىتتا ئۆزى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلغانلىقىنى ئەسلىگىنىدە، شىنجاڭ سىفەن داشۆسىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى ئابدۇزاھىر ھەبىبۇللا ئىنتايىن ئىللىقلىق ھېس قىلدى.

  ئابدۇزاھىر خوتەندىكى بىر نامرات ئائىلىدىن كەلگەن بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ شىنجاڭ شىنچېڭ لۈخې سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ بىر خىزمەتچى خادىمىغا ئايلانغانىدى. «بىز قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەردىكى ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا <بىر ئادەمگە بىر تەدبىر بولۇش> ئەندىزىسىدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ئىزدەش ئارزۇسىغا بىرلەشتۈرگەن ھالدا، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنى ئۇچۇرلىرىنى دەل جايىدا يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ بالدۇرراق مۇۋاپىق ئىش ئورنى تېپىشىغا ياردەم بەردۇق» دېدى شىنجاڭ سىفەن داشۆسى سودا شۆيۈەنىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىش ئوقۇتقۇچىسى گۈلنۇر ئەخمەت.

  نامرات ئائىلىلەردىن كەلگەن مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىر ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشسا بىر ئائىلىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەردىكى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار، تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەردىكى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار، ئوقۇش پۈتكۈزگەن مېيىپ ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كۆڭۈل بۆلدى، كۆيۈندى، ھەرقايسى جايلاردىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى مەخسۇس ئادەمنى مەسئۇل قىلدى، مەخسۇس تىزىملىك دەپتىرى تۇرغۇزدى، ئۇلارنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، «بىر ئادەمگە بىر تەدبىر بولۇش» ھەرىكەتچان باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، «بىرگە بىر» دەل جايىدا ياردەم بېرىش - يۆلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىمكانقەدەر تېز ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

  «بىز تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە يۆلەش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش شارائىتى يارىتىپ بېرىپ، تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەكتەپتىن ئايرىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق بالدۇر ئىشقا ئورۇنلىشىش، تېزدىن ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك» دېدى ما جاۋفېڭ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ