مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالدىنقى يېرىم يىلدا شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ يۈك توشۇش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 19.3 ئاشتى

2020.07.13 17:49 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ تۆمۈريولى مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىرانسپورت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئالدىنقى يېرىم يىلدا يۈك توشۇش مىقدارىنى 83 مىليون 443 مىڭ 100 توننىغا يەتكۈزۈپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.3 ئاشۇرغان.

  «بىر كارخانىغا بىر جەدۋەل بولۇش» ئەندىزىسى بويىچە، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى يۇقىرى، تۆۋەن ئېقىندىكى كارخانىلارنى ماركېتىڭ نەزەر دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، خېرىدار «دوستلار چەمبىرىكى»نى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى. كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سۈرئىتىگە ئاساسەن، يۇقىرى، تۆۋەن ئېقىندىكى خېرىدارلارنى پائال زىيارەت قىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئەھۋالى ۋە سېتىش، سېتىۋېلىش ئېھتىياجىنى ئىگىلەپ، كارخانىلار ئۈچۈن كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ، مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىش يولىنى تېپىشقا ياردەم بەردى. خېرىدارلارنىڭ تىرانسپورت ئېھتىياجىغا قارىتا، شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ تىرانسپورت، ئورۇنلاشتۇرۇش، يۈك توشۇش قاتارلىق تارماقلىرى زىچ ماسلىشىپ، يۈك چۈشۈرۈشنى تەشكىللەشنى سىجىل كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، لىنىيە ئىشلىتىش، يۈك چۈشۈرۈشنى تەشكىللەش، پويىزنى گۇرۇپپىلاشتۇرۇش قاتارلىق ھالقىلاردىكى مەسىلىلەرنى ھەرىكەت ھالىتىدە تەڭشەپ ۋە ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، ئاپتوموبىل ئوبوروتىنى تېزلەتتى.

  شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى تىرانسپورت بازارنى چۆرىدەپ ئايلىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك خېرىدارلار ۋە نۇقتىلىق خېرىدارلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، 53 كارخانىغا خېرىدار ۋەكىللىرىنى تۇرۇشقا ئەۋەتىپ، نۇقتىدا تۇرۇپ مۇلازىمەت قىلىشنى يولغا قويۇپ، مال كىرگۈزۈش - چىقىرىش پونكىتى، قىسقا ئارىلىقلىق ئورۇنلاشتۇرۇش، تۆمۈريول تىرانسپورتى قاتارلىق ئىشلارنى ماسلاشتۇرۇپ ياخشى ئىشلەپ، يۈك قاچىلاشنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قەشقەر، كۈيتۈن قاتارلىق كۆپلىگەن بېكەت - نۇقتىلاردا پاختا توشۇش كەسپىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىچكىرى رايونلاردىكى پاختا توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىنى ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خام ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى؛ كۆمۈر قاتارلىق كۆپ مىقدارلىق يۈك تىرانسپورتنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۈستى ئوچۇق ۋاگونلۇق ئايلانما پويىزنى زور كۈچ بىلەن قاتنىتىپ، ئاپتوموبىل مەنبەسى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى، يۈك قاچىلاش - يۈك چۈشۈرۈشنى داۋاملاشما تەشكىللەشنى ياخشى ئىشلەپ، يۈك قاچىلاش - يۈك چۈشۈرۈش ئىككى ئۇچىدىكى بېكەتنىڭ مەشغۇلات بېسىمىنى يېنىكلىتىپ، تەكشى تىرانسپورتنى ئىشقا ئاشۇردى؛ كۆپلىگەن بېكەت - نۇقتىلاردا قاتناش باشلانغان پايدىلىق پۇرسەتنى تۇتۇپ، خېرىدارلار بىلەن پائال ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئاپتوموبىللارنى مۇددەتتىن بۇرۇن تەڭشەپ، كۆمۈر، مېتال، رۇدا پويىزلىرىنى قاتناشقا تەشكىللەپ، تىرانسپورت يوللىرىنى كېڭەيتتى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭ تۆمۈريولىدا توشۇشقا تاپشۇرۇلغان كۆمۈر 41 مىليون 616 مىڭ 400 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24 ئاشتى؛ توشۇلغان رۇدا 7 مىليون 782 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %45 ئاشتى؛ توشۇلغان پاختا 2 مىليون 437 مىڭ 700 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %102 ئاشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ