«90- يىللاردا تۇغۇلغانلار»دىن خۇنەنلىك قىز: مەن شىنجاڭدا مال سېتىپ دېھقانلارغا ياردەم بېرىمەن

2020.07.13 17:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇ خۇڭمېي شىنجاڭ جىڭ ناھىيىسىدىكى ئىشخانىسىدا يان تېلېفون ئارقىلىق تورداشلارغا ۋاكۇئۇملۇق ئورالغان ئالقات مەھسۇلاتىنى تونۇشتۇردى (7- ئاينىڭ 11- كۈنى تارتىلغان).

  خۇنەن شاۋياڭدىن كەلگەن جۇ خۇڭمېي 2013- يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، باشقىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن شىنجاڭ جىڭ ناھىيىسىگە كەلدى. ئۇ شىنجاڭ جىڭ ناھىيىسىنىڭ ئالقات سۈپىتىنى توغرا تونۇپ، جىڭ ناھىيىسىدە ئېلېكتىرونلۇق سودىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، شۇ جاينىڭ ئېتىبار بېرىش سىياسىتى بىلەن تەمىنلىگەن پەيتىدە، جۇ خۇڭمېي جىڭ ناھىيىسىدە ئىگىلىك تىكلەش ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى.

  ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدا، جۇ خۇڭمېي ئالدىنقى ئۈچ يىلدا ئۆي ئىجارىسىنى كەچۈرۈم قىلىش، سۇ، توك، تور ھەققىدە ئېتىبار بېرىش، بىلىم ئاشۇرۇش، ئۆگىنىش، يەرمەنكىگە قاتنىشىش قاتارلىق ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولدى. يەتتە يىلدىن بۇيان، جۇ خۇڭمېي ئىزچىل تۈردە ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلدى، بازارنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ كەسىپ دائىرىسى تەدرىجىي كېڭەيدى. قاراڭ، بۇلار جىڭ ناھىيىسىنىڭ ئالقاتلىرى، غۇلجىنىڭ ھەسەللىرى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ياڭاق ۋە چىكانلىرى. ھەر قېتىم ھوسۇل پەسلى كەلگەندە، جۇ خۇڭمېي ئەترەت ئەزالىرىنى باشلاپ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش ئورنىغا بېرىپ، سىنغا ئېلىپ، نەق مەيداندا توردا سېتىشنى كېڭەيتتى. 7- ئاي دەل جىڭ ناھىيىسىدە 100 مىڭ مودىن ئارتۇق ئالقاتنى يىغىۋالىدىغان ۋاقىت.

  جۇ خۇڭمېي ئالقاتلارنى تور ئارقىلىق ساتتى. ئەمدى ئۇنىڭ خېرىدارلىرى گۇاڭدۇڭ، جېجياڭ ۋە خۇبېي قاتارلىق جايلارغا تارقالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ