شىنجاڭ قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسى: شاپتۇل ئۆستۈرۈش دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ ئۇلارنى بېيتتى

2020.07.13 17:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7- ئاينىڭ 12- كۈنى شىنجاڭ قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسى لەڭگەر بازىرى بازار كەنتى يۇزى مېۋە-چېۋە ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ خىزمەتچىسى رىزۋانگۈل ئەمەت (سولدا) ئارزۇگۈل مەمەت بىلەن بىرگە ئايرىپ ئۈزگەن شاپتۇللارنى ئايرىدى.

  يېقىندا، قەشقەر ۋىلايىتى قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسىدىكى 30 مىڭ مودىن ئارتۇق شاپتۇللۇقتىكى شاپتۇللار ئۈزۈش مەزگىلىگە كىردى، باغۋەنلەر باغدا ئالدىراش بولۇپ كەتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسى ئۆزگىچە مېۋىلەر باغۋەنچىلىكى كەسپىنىڭ سۈپىتىنى داۋاملىق ئۆستۈردى، «ناۋات شاپتۇل» ۋەكىللىكىدىكى شاپتۇل سورتىنى يېتىشتۈرۈپ، شۇ جايدىكى باغۋەنلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ