شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاۋ شىيا، جاۋ چۇنخۇا، بارشا تېگېس
7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونىدىكى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ چېگرا رايوندىكى ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ خىزمەت قىلىشنى تاللىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، كەڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا بولغان سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. جاۋاب خەت ئىللىق، سەمىمىي بولۇپ، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ، جاۋاب خەت ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ ياش ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى.
باش شۇجىنىڭ مۇھىم جاۋاب خېتىنى ئەستايىدىل ئۆگەنگەندىن كېيىن، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ئىقتىساد ۋە سودا شۆيۈەنىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى تولغان نۇرلان غايە - ئېتىقادىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى.
ئالاھىدە ئوقۇش پۈتكۈزۈش پەسلىدە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تولغان يۇقۇم شارائىتىدا دۆلەت ۋە پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا غەمخورلۇق قىلىشى ۋە قوللىشىدىن ئىنتايىن تەسىرلەندى. ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇ چاقىرىققا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىپ، نىلقا ناھىيەسىنىڭ كېلەڭ يېزىسى ئاينا باستاۋ كەنتىدە كەنت كادىرى بولدى، ئۇ ھەر كۈنى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە ئۆگىنىپ، بىللە خىزمەت قىلىپ، بىللە كۈرەش قىلىپ چېنىقتى، ئۆسۈپ يېتىلدى. «يېڭى دەۋردىكى يېزىلار ئۈمىدكە تولغان دالا، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان كەڭ سەھنە. مەن چوقۇم باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، <يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار> ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، ئۆز غايە - ئىنتىلىشىمنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيە ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايدا ياشلىق باھارىمنى جۇلالاندۇرىمەن» دېدى تولغان قەتئىيلىك بىلەن.
«باش شۇجى جاۋاب خېتىدە بىزگە قارىتا سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى مېنىڭ ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىش، ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىش ئىشەنچىم ۋە ئىرادەمنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى، پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنىڭ غەيرەتكە تولغانلىقىنى ھېس قىلدىم.» باش شۇجىنىڭ مۇھىم جاۋاب خېتىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، شىنجاڭ داشۆنىڭ سىياسىي ۋە ئاممىۋى باشقۇرۇش شۆيۈەنىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى رىسبەك تۆمۈرجاننىڭ قىزغىنلىقى تولۇپ تاشتى.
بۇلتۇر يەنجيۇسىڭلىقنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، رىسبەك ئالىي مەكتەپ فۇداۋيۈەنى بولۇش خىزمەت پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ، قەتئىيلىك بىلەن ئاساسىي قاتلامغا بېرىشقا تىزىملىتىپ، ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ جىغىن يېزىسى قارا تېرەك كەنتىدە كەنت كادىرى بولدى. ئۇ سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: مېنىڭ چارۋىچى ئائىلىسىنىڭ بالىسىدىن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ يېتىلىش، ئاندىن ئاساسىي قاتلام كادىرى بولۇشقىچە ھەربىر قەدەمدىكى ئۆسۈپ يېتىلىشىم پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەربىيەلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، پۇختا قەدەم ئېلىپ، يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەقىل - پاراسىتىم ۋە جاپالىق ئەجرىم ئارقىلىق يۇرتداشلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلەيمەن.
بۇ يىل 6 - ئايدا قەشقەر داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، گەنسۇلۇق يىگىت ۋېي ياڭ شۇ يەردە قېلىپ خىزمەت قىلىشنى تاللىدى. ئۇ باش شۇجىنىڭ مۇھىم جاۋاب خېتىنى ئەستايىدىل ئۆگەنگەندىن كېيىن، قەلبىدىكى ھاياجېنىنى باسالمىدى. «<ئىرادە تىكلىگەنلەر غەلىبە قىلىدۇ، قىيىنچىلىقتىن قاچمىغانلار ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ>، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى بىز ياشلارنىڭ كۈچ ئۇلاپ قەتئىي ئىرادە بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ كۈرەش قىلىشىمىزغا موھتاج.» ۋېي ياڭ مۇنداق دېدى: مەن چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ چوڭ ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان، ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىگە ئالالايدىغان غەربىي قىسىم قۇرغۇچىلىرىدىن بولىمەن.
باش شۇجىنىڭ مۇھىم جاۋاب خېتى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىۋاتقان نۇرغۇن ئوقۇغۇچىنىمۇ ئىلھاملاندۇردى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇق 3 - يىللىق 7 - سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ياڭ خۇييى مۇنداق دېدى: ئۆز غايە - ئىنتىلىشىمىزنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈپ، ۋاقىتنى قەدىرلەپ، گۈزەل دەۋرنى قەدىرلەپ، ئوقۇپ بىلىم ئېلىشتا ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت پىلانىمىزدا باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تارىخىي مۇھىم ۋەزىپىنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەتئىي ئىرادە باغلاپ كۈرەش قىلىمىز!