ئۈرۈمچى شەھىرى: ئىشىكى ئالدىدىلا تەربىيەلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈردى

2020.07.10 17:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7- ئاينىڭ 9- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق شەھەر ئاھالىلىرى بىلىم ئاشۇرۇش مەكتىپى ئەمەلىي ماھارەت تەربىيەلەش مەركىزىدە ئوقۇتقۇچى يۈ شىكۈن (سولدىن بىرىنچى) كۇرسانتلارغا بوۋاقلارنى بېقىش ماھارىتىنى ئۆگەتتى.

  ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى شەھەر ئاھالىلىرى بىلىم ئاشۇرۇش مەكتىپى ئەمەلىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش مەركىزى 5- ئاينىڭ ئاخىرىدا دەرس باشلانغاندىن بۇيان، بازار ئېھتىياجى بار ھۆسن تۈزەش، چاچ ياساش، جۇڭگوچە، غەربچە پېچىنە-پىرەنىك ياساش، توكچى، ياشانغانلارنى بېقىش، بوۋاقلارنى بېقىش ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق سەككىز خىل ئىش ئورنىغا قارىتا، ئىشسىزلارنى «ئىشىك ئالدىدا تەربىيەلەش» پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ بىرەر ئارتۇقچىلىقنى ئىگىلىشىگە ياردەم بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ