مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە مائارىپ ئوقۇتۇشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇش كېرەك

2020.07.09 16:36 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  لى پېڭشىن قىسمەن ئالىي مەكتەپلەردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

  دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە مائارىپ ئوقۇتۇشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇش كېرەك

  شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن شىنجاڭ داشۆ، شىنجاڭ سىفەن داشۆ، شىنجاڭ تېببىي داشۆدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە مائارىپ ئوقۇتۇشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇش كېرەك.

  تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، لى پېڭشىن شىنجاڭ داشۆ، شىنجاڭ سىفەن داشۆ، شىنجاڭ تېببىي داشۆدە سىنىپ، كۇتۇپخانا، ئاشخانا، ياتاق قاتارلىقلارغا كىرىپ، مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مەكتەپنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، مائارىپ ئوقۇتۇشىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» بېسىمى يەنىلا بىرقەدەر چوڭ، ئالىي مەكتەپلەر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسى، ئۇرۇشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتى، تەلەي سىناش پىسخىكىسى، بوشىشىپ كېتىش روھىي ھالىتىنى قەتئىي تۈگىتىپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يوچۇقلارنى ئېتىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، ئىنچىكە ئەمەلىيلىشىشى، كونكرېت ئەمەلىيلىشىشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، نۇقسانسىز بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرگە پائال تاقابىل تۇرۇپ، ئوقۇتۇش پىلانىنى ئىلمىي تەڭشەپ، ئەلالاشتۇرۇپ، ئوقۇتۇش مەزمۇنى ۋە ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى ياخشىلاپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە ئۇيغۇن كېلىدىغان مائارىپ ئوقۇتۇشى تەرتىپىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، مائارىپ ئوقۇتۇشى سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، مەكتەپ باشقۇرۇشنىڭ قېلىپلاشقان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ پۈتكۈزۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ۋە كۈچلۈك ياردەم بېرىش كېرەك. يازلىق تەتىلدە مەكتەپتە قالغان ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش كاپالىتى ۋە ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، خىزمەت، ئۆگىنىشىنىڭ خاتىرجەم، ئازادە بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كەڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى يازلىق تەتىلدە مول رەڭدار جەمئىيەت ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەر مىللەت ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا يۈزبەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ھەر تەرەپلىمە ئىگىلەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشتىكى ئوتتەك قىزغىن ئەمەلىيىتى ۋە ئىشەنچى، ئىرادىسىنى ئىگىلەش، ھېس قىلىشقا پائال تەشكىللەپ، ئۇلارنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. ئالدىن تەتقىق قىلىپ، پىلانلاپ، يازلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىش، كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدا ئوقۇش باشلاش، يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرۇش، جىپسىلاشتۇرۇش، راۋانلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مائارىپ مەمۇرىيىتى قاتارلىق تارماقلارغا ماسلىشىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، خىزمەت ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئادىل - ھەققانىي بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، مائارىپ ئادىللىقىنىڭ تۆۋەن چېكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىك باشقۇرۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرلۈك بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپلىرىنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ۋە تۈگىتىش كېرەك.

  لى پېڭشىن مۇنداق تەكىتلىدى: قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەكتەپ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارىنى سىجىل كۈچەيتىپ، مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمىتىنى سىجىل كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، توغراق روھى ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈپ، چېگرانى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈش كېرەك.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ چىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ