مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«بىر ئاساسلىق، ئىككى قوشۇمچە» ئەندىزىسى شىنجاڭ كېۋىزىنىڭ ئەلا سورتىنى تېخىمۇ ئەلالاشتۇردى

2020.07.09 16:35 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  «ئائىلىمىز بۇ يىل تېرىغان 15 مو يەردىكى كېۋەزنىڭ ھەممىسى يېڭى سورتقا ئالماشتۇرۇلدى، ئۆسۈش ئەھۋالى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن كۆپ ياخشى بولدى» دېدى 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىچئېرىق بازىرى قىزىلتام كەنتىدىكى كېۋەزنىڭ ئۇچىنى ئۈزۈۋاتقان كەنت ئاھالىسى سېيىت قۇربان. سېيىت ئېيتقان «يېڭى سورتقا ئالماشتۇرۇش» دەل ئاپتونوم رايونىمىز يولغا قويغان «بىر ئاساسلىق، ئىككى قوشۇمچە» كېۋەز ئۇرۇقى سېلىش ئەندىزىسى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىش ئىدى.

  «بىر ئاساسلىق، ئىككى قوشۇمچە» ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كېۋەز تېرىش سورتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىكى كونكرېت تەدبىرى، يەنى كېۋەز تېرىيدىغان ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ بىر ئاساسلىق سورت، ئىككى كىرىشتۈرمە سورت بويىچە كېۋەز تېرىشنى قانات يايدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، «بىر ناھىيەدە بىر سورت بولۇش» «كۆپ ناھىيەدە بىر سورت بولۇش»نى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھام بېرىپ، كېۋەز سورتى كۆپ، ئارىلاش، قالايمىقان بولۇش ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش ئارقىلىق، پاختىنىڭ سۈپىتىنى مەنبەدىن ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت.

  مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز كېۋەز سورتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنى پاختىنىڭ ئومۇمىي سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، پاختىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تەدبىر قىلىپ، ھەرقايسى جايلارنى ئۆز يېرىدە تېرىشقا ماس كېلىدىغان ئەلا سۈپەتلىك كېۋەز سورتىنى پائال تاللاپ ئىشلىتىش ۋە كېڭەيتىش - كۆپەيتىشكە يېتەكلەپ، خام ماتېرىيال پاختا سۈپىتىنىڭ بىردەكلىكىنى ئۆستۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قاتتىق بولغان تاۋار ئۇرۇق سۈپەت بىخەتەرلىكىنى ئېتىراپ قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، مەھسۇلات مىقدارى ۋە سۈپىتى تەڭ ئەلا بولغان كېۋەز سورتلىرىنى كېڭەيتىپ ئەمەلىي قوللىنىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا، ماشىنا بىلەن يىغىۋېلىنىدىغان ئەلا سۈپەتلىك كېۋەز سورتلىرىنى پائال تاللاپ يېتىشتۈرۈپ، ماشىنا بىلەن يىغىۋېلىنىدىغان ئەلا سۈپەتلىك كېۋەز سورتلىرىنىڭ قاپلاش نىسبىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگەن.

  پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ ئەلا سۈپەتلىك تاۋار پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىز «سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش» نىشانى بويىچە، پاختا كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا سىجىل تۈرتكە بولماقتا. كېۋەز سورتىدىن ئىبارەت بۇ نېگىزنى ياخشى تۇتقاندىن باشقا، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە پاختا ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئەلالاشتۇرۇپ، كېۋەزنىڭ تېرىلىش كۆلىمى 200 مىڭ مودىن ئاشىدىغان 28 ئەلا سۈپەتلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىدىغان ناھىيە، شەھەرگە مەركەزلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك پاختا بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەشنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، پاختا ئىشلەپچىقىرىش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە يۇقىرى ئۆلچەملىك كېۋەزلىك قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، پاختا پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ تەرەققىياتى ئومۇمىي سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇر شىنجاڭنىڭ كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى 38 مىليون 107 مىڭ 500 موغا يەتكەن، ساپ پاختا ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 5 مىليون 2000 توننا بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئومۇمىي كۆلەمنىڭ، ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %76.1ى ۋە %84.9ىنى ئىگىلىگەن، كېۋەز كۆلىمى، بىرلىك مەھسۇلات، ئومۇمىي مەھسۇلات، تاۋار مىقدارى، يۆتكەپ چىقىرىلىش مىقدارى ئۇدا 25 يىل پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا مۇقىم تۇرغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ