مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالدىنقى يېرىم يىلدا شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50تىن ئارتۇق ئاشتى

2020.07.09 16:34 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى

  ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش بويىچە يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى 43 مىليارد 900 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %53.9 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك مىقدارى 12 مىليارد 100 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، سىرتقا يەتكۈزۈلگەن ئومۇمىي توك مىقدارىنىڭ %27.5ىنى ئىگىلىگەن. ئالدىنقى يېرىم يىلدا سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى يىللاردىن بۇيانقى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن.

  شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش بويىچە يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارىنىڭ تېز ئېشىشى قىسمەن جەھەتتىن شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش يېڭى يولىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىدىن بولغان. 2019 - يىلى 9 - ئايدا، شەرقىي جۇڭغار - جەنۇبىي ئەنخۇي 1100± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. مۇشۇ تۈردىكى قۇرۇلۇش بىلەنلا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدىلا سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى 17 مىليارد 100 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارىنىڭ %39ىنى ئىگىلىدى. 2010 - يىلى شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈشتىكى بىرىنچى يول قۇرۇلۇپ پۈتكەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز تۆت يولنى قۇرۇپ پۈتكۈزدى، سىرتقا يەتكۈزۈش كۆلىمى 32 ھەسسە ئاشتى.

  بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش كۆلىمىنىڭ ئېشىشى يەنە «ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش + بازارلاشتۇرۇش» سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىدىن بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ نۇرغۇن ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر بىلەن ھۆكۈمەتلەر ئارا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى سىرتقا يەتكۈزۈش كېلىشىمى ئىمزالاپ، شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 19 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرگە يەتكۈزدى، سىرتقا يەتكۈزۈش كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى. بۇ يىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش توختام كۆلىمى 22 مىليارد 900 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا 3 مىليارد 300 مىليون كىلوۋات سائەت ئاشتى.

  شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتى سودا بۆلۈمىنىڭ مەخسۇس مەسئۇلى جاڭ جۈن مۇنداق بىلدۈردى: سىرتقا يەتكۈزۈلگەن 43 مىليارد 900 مىليون كىلوۋات سائەت توك مىقدارى 14 مىليون توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرگە باراۋەر بولۇپ، بۇ ئارقىلىق تەخمىنەن 37 مىليون 800 مىڭ توننا كاربون (IV) ئوكسىدى، 120 مىڭ توننا گۈڭگۈرت (IV) ئوكسىدى، 100 مىڭ توننا ئازوت ئوكسىدىنى ئاز قويۇپ بەرگىلى بولىدۇ، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش ۋە تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتىدا بەلگىلىك ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.

  ئېنېرگىيە مەنبەسى ئارتېرىيەسىنىڭ بىخەتەر يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى يۈرۈشۈش شەكلىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇھىم سورۇنلاردىكى ئۈسكۈنىلەر، توك يەتكۈزۈش لىنىيەلىرىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش ۋە يۈرۈشۈشىنى ئاسراشنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى يەنە «تەۋەلىك كاپالىتى + ماشىنا ئادەم ئارقىلىق چارلاپ تەكشۈرۈش» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش يولىغا كاپالەتلىك قىلىش بويىچە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرى ئۆتكۈزۈپ، يولنىڭ بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ