مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

16 تۈرلۈك تەدبىر ئىستېمالنىڭ سىغىمىنى كېڭەيتىپ، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ

2020.07.09 16:32 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى «يولغا قويۇش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى

  16 تۈرلۈك تەدبىر ئىستېمالنىڭ سىغىمىنى كېڭەيتىپ، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ

  شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى «ئاپتونوم رايوننىڭ ئىستېمالنىڭ سىغىمىنى كېڭەيتىپ، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۈچلۈك بازار شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يولغا قويۇش لايىھەسى» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، زور كۈچ بىلەن بازار تەمىناتىنى ئەلالاشتۇرۇش، ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش، زور كۈچ بىلەن خاس ئىستېمال تورى قۇرۇش، «ئەقلىي ئىقتىدار +» ئىستېمال ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە، 16 تۈرلۈك تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، كۈچلۈك بازار شەكىللەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى.

  بازار تەمىناتىنى ئەلالاشتۇرۇش جەھەتتە، «يولغا قويۇش لايىھەسى»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: تاۋار سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، خاس سۈپەتلىك ماركا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ كارخانىلارنى سۈپەتنى ئاساس قىلغان سۈپەتلىك ماركا تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ئورنىتىشقا يېتەكلەپ، سۈپەتلىك ماركىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى بېيىتىپ، سۈپەتلىك ماركا ئوبرازىنى يۈكسەلدۈرۈش كېرەك؛ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئۆلچەم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۈتۈنۈش، ئائىلە مۇلازىمىتى، ھاۋالىلىك بېقىش، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى مۇلازىمەت ئۆلچىمىنى تۈزۈش، تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە نۇقتىدا سىناق قىلىپ ئۈلگە كۆرسىتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ ئىمپورتنى پائال كېڭەيتىپ، ئىمپورت قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، تاۋار تۈرلىرىنى موللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادىغا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشۇش كېرەك.

  ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش جەھەتتە، «يولغا قويۇش لايىھەسى»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: خاس مەدەنىيەت - ساياھەتكە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، مەدەنىيەت - ساياھەت ئىستېمالىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەت - ساياھەت سۈپەتلىك ماركىسى تەشۋىقاتىنى زورايتىش كېرەك؛ ھەرقايسى جايلارنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت، ئارام ئېلىش - كۆڭۈل ئېچىش، يېمەك - ئىچمەك، مال سېتىۋېلىش قاتارلىق كۆپ كەسىپ ھالىتى يۇغۇرما تەرەققىي قىلغان ئىستېمال توپلاشقان جاي قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك؛ ھۆكۈمەت سۇپا قۇرىدىغان، كارخانا يېتەكچىلىك قىلىدىغان، تور ۋە تور سىرتى يۇغۇرۇلغان، ساياھەتچىلەر قاتنىشىپ ھەمتۈرتكە بولىدىغان ھەر تەرەپلىمە كېڭەيتىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك.

  «يولغا قويۇش لايىھەسى»دە يەنە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: زور كۈچ بىلەن خاس ئىستېمال تورى قۇرۇپ، رايون خاراكتېرلىك ئىستېمال مەركىزى بەرپا قىلىش؛ پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى پىيادىلەر كوچىسىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، يەرلىك خاسلىقنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىستېمال كەسىپ ھالىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىر كۆزنەكلىك ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك ئىستېمال سۇپىسى بەرپا قىلىش، شەكىللەندۈرۈش كېرەك؛ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ «ئىككى تور»دىكى رايون ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ماركېتىڭ تورىنى بەرپا قىلىش، مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك؛ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۇەيدى ئەشيا ئوبوروتى ئەسلىھەلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەلالاشتۇرۇپ، ۋىلايەت، ئوبلاستلارنىڭ مەركىزىي شەھەرلىرىدە ئاۋىياتسىيە، تاشيول - تۆمۈريول قۇرۇقلۇق تىرانسپورتى يىغىش - تارقىتىش مەركىزى ھەم ئوتتۇرا، كىچىك شەھەر - بازارلاردا كۇەيدى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش مەركىزى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  «ئەقلىي ئىقتىدار +» ئىستېمال ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش جەھەتتە، «يولغا قويۇش لايىھەسى»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 5G تورى قاتارلىق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، 5Gنى سودىدا قوللىنىش، چوڭقۇر ئەمەلىي قوللىنىش ۋە كېڭەيتىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ جەمئىيەت ئاممىۋى مۇلازىمەت ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان بىر تۈركۈم بۇلۇت مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، تور ۋە تور سىرتى يۇغۇرۇلما مۇلازىمىتىگە تىرەك بولۇش كېرەك؛ يېشىل - ئورگانىك، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، نەرسە تورى قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك مەھسۇلاتلار ۋە ساغلاملىق، مائارىپ، كۈتۈنۈش، تەنتەربىيە، پۇل مۇئامىلە، ئۇچۇر بىخەتەرلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى مۇلازىمەت ئېتىراپىنى قانات يايدۇرۇپ، يېشىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە يېشىل ئىستېمالغا يېتەكچىلىك قىلىپ، يېشىل تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ