مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىمتىھان بېرىدىغان 229 مىڭ 300 ئوقۇغۇچى بۈگۈن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ

2020.07.08 17:37 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايوننىڭ 2020 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىن 9 - كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن، بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئىمتىھانغا تىزىملاتقانلار 229 مىڭ 300 ئادەم بولۇپ، جەمئىي 93 ئىمتىھان رايونى، 235 ئىمتىھان نۇقتىسى تەسىس قىلىنغان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 71 ناھىيە (شەھەر، رايون)گە تارقالغان. نۆۋەتتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرى دائىملىشىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرى جايىدا ئەمەلىيلىشىپ، ئىمتىھاندىن ئىلگىرىكى تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلەر پۈتكەن.

  بۇ يىلقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا، ئاپتونوم رايون ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمەت لايىھەسى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىخەتەرلىك خىزمەت لايىھەسى، تاسادىپىي ۋەقەلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش - بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسى قاتارلىقلارنى تۈزۈپ، ئىمتىھاننىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. بارلىق ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئىمتىھانغا ئالاقىدار خادىملارغا ئىمتىھاندىن ئىلگىرىكى 40 كۈندە يېپىق ھالقىلىق دەۋرىيلىك، ئىمتىھاندىن ئىلگىرىكى 14 كۈندە ھەر كۈنى بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈش - ئۆلچەش، قوش مۇداپىئە (نوكلېئىك كىسلاتا)نى تەكشۈرۈش - ئۆلچەشنى يولغا قويۇپ، تېنى ساغلام ھالەتتە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى؛ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالاقىدار تارماقلار كۆچۈرمىچىلىك قىلىش ئەسۋابلىرىنى سېتىشقا زەربە بېرىش، ئىمتىھانغا ئالاقىدار تور مۇھىتىنى ساپلاشتۇرۇش، ئىمتىھان نۇقتىسى ئەتراپىنىڭ مۇھىتىنى ساپلاشتۇرۇش، باشقىلارنىڭ ئورنىغا ئىمتىھان بېرىش، كۆچۈرمىچىلىك قىلىشقا زەربە بېرىشتىن ئىبارەت تۆت مەخسۇس ھەرىكەتنى ئورتاق قانات يايدۇرۇپ، قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياخشى ئىمتىھان مۇھىتى ياراتتى؛ بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونىمىز 173 مېيىپ ئوقۇغۇچىغا ئەمالار يېزىقىدىكى ئىمتىھان قەغىزى، چوڭ خەتلىك ئىمتىھان قەغىزى، ئىمتىھان ۋاقتىنى ئۇزارتىش، ئىمتىھان نۇقتىسى، ئىمتىھان مەيدانىغا ئالدىن كىرىش قاتارلىق مۇۋاپىق قولايلىقلارنى يارىتىپ بېرىدۇ.

  ئاپتونوم رايون مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەرقايسى جايلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرى ۋە ئىمتىھان ئىشلىرىدىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى تەڭ ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، تەڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا «نۆل خەۋپ - خەتەر» «نۆل يۇقۇملىنىش» «نۆل خاتالىق» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىمتىھان ئىستىلى، ئىمتىھان ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، شايكا تەشكىللەپ كۆز بويامچىلىق قىلىش، يۇقىرى پەن - تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ كۆچۈرمىچىلىك قىلىش قاتارلىق بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، ئۇنىڭغا زەربە بېرىشى كېرەك؛ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى تېخىمۇ سەمىمىي، ئىللىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ تەمكىن ئىمتىھان بېرىشى، تىنچ - ئامان ئىمتىھان بېرىشى، ساغلام ئىمتىھان بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ