مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2020.07.08 17:37 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايوننىڭ قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىلدى

  مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

  شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، دىققەت ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇشقا پۇختا ئاساس سېلىندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئىقتىدارى تېخىمۇ ئەلالاشقان، مۇكەممەل بولغان قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەشتە مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، مۇناسىۋەتلىك چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسىنىڭ كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش ئىقتىدارىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە قوللىنىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، قەرەلىدە تاماملاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشى، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «ئەمەلىي ۋاقىتتا كۆزىتىپ ئۆلچەش، ۋاقتىدا ئالدىن سىگنال بېرىش، نامراتلىشىپ كەتمەستىلا ئالدىنى ئېلىش»تا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى مۇقىم بولمىغان ئائىلىلەر ۋە نامراتلىق گىرۋىكىدىكى ئاسانلا نامراتلىشىپ كېتىدىغان ئائىلىلەرنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سېرىق، قىزغۇچ سېرىق، قىزىلدىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىگە ئايرىپ ۋاقتىدا ئالدىن سىگنال بېرىپ، ۋاقتىدا ياردەم بېرىپ - يۆلەپ، سۇ كەلگۈچە توغان سېلىش كېرەك. زىيارەت قىلىپ ئېنىقلاش، سانلىق مەلۇمات ئالماشتۇرۇش، ھەيدەكچىلىك قىلىش - ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوبيېكت، تەرتىپ، سانلىق مەلۇمات، سۇپا، ساھەنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى جانلاندۇرۇپ، ئىشلىتىپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكى، دەللىكى، ئۈنۈملۈكلۈكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىدا بىرىنىمۇ سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايون باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، ۋىلايەت، ناھىيەلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، يېزا - كەنتلەر جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش خىزمەت مېخانىزمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسى باشلامچى بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ماسلىشىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، كەسىپ جەھەتتىن تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى ياخشى قۇرۇش، ياخشى قوغداش، ياخشى قوللىنىش كېرەك.

  يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمى قۇرۇلۇشى ئەھۋالى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ھەم ئاپتونوم رايون، ناھىيە، كەنت ئۈچ دەرىجىلىككە ئايرىلىپ ئۈلگە كۆرسىتىشنى كۆردى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى قاتارلىقلار ھەم خوتەن شەھىرى، ئاتۇش شەھىرىنىڭ ۋەكىللىرى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن جاڭ چۇنلىن، جاڭ بو، ۋەن خەيچۇەن يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ