مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

نانچىلىق كەسپىنى ۋەكىل قىلغان ئاساسىي يېمەكلىك پىششىقلاش كەسپىنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك

2020.07.08 17:36 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچى شەھىرى نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

  نانچىلىق كەسپىنى ۋەكىل قىلغان ئاساسىي يېمەكلىك پىششىقلاش كەسپىنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك

  شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچى شەھىرى نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئالاقىدار تارماقلار ۋە كارخانىلارنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. شۆھرەت زاكىر مۇنداق تەكىتلىدى: قەتئىي تۈردە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، ئۆزگىچە ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، يوشۇرۇن كۈچنى تولۇق قېزىپ، نانچىلىق كەسپىنى ۋەكىل قىلغان ئاساسىي يېمەكلىك پىششىقلاش كەسپىنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش كېرەك.

  نان مەدەنىيىتىنى باش تېما قىلغان، ئىشلەپچىقىرىش - پىششىقلاش توپلانغان، مەدەنىيەتنى نامايان قىلىش - ھېس قىلىش ھەم مەھسۇلاتنى سېتىش بىر گەۋدە قىلىنغان ئۈرۈمچى شەھىرى نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسى بۈگۈنكى كۈندە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى توردا ئالقىشلانغان ساياھەت قىلىشتا چوقۇم بارىدىغان جايغا ئايلاندى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا، شۆھرەت زاكىر نەق مەيداندا نان مەدەنىيىتى كۆرگەزمە رايونى، ئىشلەپچىقىرىش - پىششىقلاش رايونى، ھېس قىلىش - ئويۇن قويۇش رايونى، خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش رايونى، مەززىلىك تائاملار كارىدورى قاتارلىقلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى بىرلەشتۈرۈشكە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

  سۆھبەت يىغىنىدا، شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاشلىق بىخەتەرلىكى مەسىلىسىگە باشتىن - ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. بولۇپمۇ بۇ يىل يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدۇق، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «ئاشلىق، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش»نى «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش»نىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلققە بولغان سەمىمىي، چوڭقۇر ھېسسىياتى ۋە ئېگىزدە تۇرۇپ يىراقنى كۆرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇرىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىپ، بىزنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشىمىز ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. شىنجاڭدا نانچىلىق كەسپىنى ۋەكىل قىلغان ئاساسىي يېمەكلىك پىششىقلاش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەم كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى، شۇنداقلا ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىر. نانچىلىق كەسپى شىنجاڭدا تەننەرخى تۆۋەن، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك، خەلق تۇرمۇشىغا يېقىن بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، بازار پۇرسىتى ۋە تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. جەزمەن نانچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، نانچىلىق كەسپىنىڭ كۆلەملىشىش، كەسىپلىشىش، بازارلىشىش، ئەلا سۈپەتلىشىش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نانچىلىق كەسپى ئۆلچەم سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، خام ماتېرىيال سېتىۋېلىشتىن ئىشلەپچىقىرىشقىچە، ئامبار ئەشيا ئوبوروتىدىن سېتىشقىچە بولغان پۈتۈن تەرتىپلىك سۈپەت بىخەتەرلىكى باشقۇرۇش سىستېمىسى ئورنىتىپ، يېمەكلىك سۈپىتى بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نانچىلىق كەسپىدە كۆلەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، باشلامچى كارخانىلارنى يېتەكچى قىلىپ، نانچىلىق كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىقلارنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈپ، تۈجۈپىلەشكەن تەرەققىيات يولىغا مېڭىش كېرەك. نان مەھسۇلاتلىرى ماركېتىڭ ئەندىزىسىدە كۈچەپ يېڭىلىق يارىتىپ، توردا، تور سىرتىدا تەڭ كۈچەپ، تىرىشىپ ئىستېمالنى كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شىنجاڭ نانچىلىق كەسپىنىڭ يېشىل، ئەلا سۈپەتلىك بولغان سۈپەتلىك ماركىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن يارىتىپ، ناننى جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرگە شۆھرىتى تارقالغان شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائام نام كارتىسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. كۈچەپ ياخشى بولغان تىجارەت - سودا مۇھىتى يارىتىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ئومۇمىي خەلق قاتنىشىپ، نانچىلىق كەسپىنى ۋەكىل قىلغان ئاساسىي يېمەكلىك پىششىقلاش كەسپىنى زورايتىش، كۈچەيتىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ