مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭتەي گۇرۇھى تىپنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ رىقابەت قوغلىشىپ چەت ئەل بازىرىدا يېڭى بوشلۇق ئاچتى

2020.07.08 17:34 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  6 - ئاينىڭ ئاخىرى، تاجىكىستاننىڭ جەنۇبىدىكى خاتلون ئوبلاستىنىڭ دانگارا شەھىرى ئەتراپىدىكى ئېتىزلىقتا، بىر پارچە كۆز يەتكۈسىز كېۋەزلىك ئۇپۇققىچە يېيىلىپ تۇراتتى، ھەربىر تۈپ كېۋەز قۇياش نۇرى ئاستىدا ساغلام ئۆسمەكتە ئىدى.

  بۇ چوڭ بىر پارچە كېۋەزلىك شىنجاڭ جۇڭتەي (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تاجىكىستاننىڭ خاتلون ئوبلاستىدا قۇرغان جۇڭتەي يېڭى يىپەك يولى تاجىكىستان يېزا ئىگىلىك - توقۇمىچىلىق كەسىپلەر باغچىسى تۈرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. بۇ يىل ئەتىيازدا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭتەي گۇرۇھى 32 نەپەر جۇڭگو تەرەپ يېزا ئىگىلىك تېخنىك خادىمىنى ۋاقتىدا تاجىكىستانغا بېرىشقا تەشكىللەپ، 100 مىڭ مودىن ئارتۇق كېۋەزنى بالدۇر تېرىش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلدى، بۇنىڭ بىلەن بۈگۈنكى كۈندىكى كېۋەزلىكتە ھاياتىي كۈچ ئۇرۇپ تۇرغان مەنزىرە بارلىققا كەلدى.

  تاجىكىستاننىڭ دانگارا ئويمانلىقى ياخشى بولغان يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق شارائىتى بىلەن دۇنيادىكى ئەلا سۈپەتلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىدىغان مۇھىم رايونغا ئايلانغان. ھالبۇكى، توقۇمىچىلىق سانائىتى ئۈسكۈنىلىرى كونا، ھۈنەر - سەنئىتى قالاق بولغاچقا، شۇ جاينىڭ كېۋەز تېرىش ئەۋزەللىكى جارى قىلدۇرۇلمىغان. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىغا ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن، 2014 - يىلى جۇڭتەي گۇرۇھى يېڭى يىپەك يولى يېزا ئىگىلىك مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنى قۇردى ھەم تاجىكىستان تەرەپنىڭ ئالاقىدار كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، 3 مىليارد يۈەن خەلق پۇلى مەبلەغ سېلىپ، تاجىكىستاندا مۇددەتكە بۆلۈپ 200 مىڭ مو كېۋەز تېرىقچىلىقى، 150 مىڭ ئۇرچۇقلۇق پاختا يىپ ئېگىرىش، 150 مىليون مېتىر رەخت توقۇش تۈرىنى قۇردى. تاجىكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، 2014 - يىلى 12 - ئايدا تۈردە رەسمىي ئىش باشلاپ، يېرىم يىل ۋاقىتتىلا، 1 - قارارلىق ئىككى پاختا زاۋۇتىنى شۇ يىلى قۇرۇش، شۇ يىلى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش، شۇ يىلى ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. 2016 - يىلى 8 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، 60 مىڭ ئۇرچۇقلۇق يىپ ئېگىرىش تۈرىدە بىر قېتىمدىلا ماشىنىلارنى قوزغىتىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى ھەم ئەلا سۈپەتلىك يىپ ئىشلەپچىقاردى. ھازىرغا قەدەر، 1 -، 2 - قارارلىق تۈرلەردە 150 مىڭ مو كېۋەز تېرىقچىلىق بازىسى، ئىككى پاختا زاۋۇتى، 60 مىڭ ئۇرچۇقلۇق ئىنچىكە تاراپ زىچ يىپ ئېگىرىش، 90 مىڭ ئۇرچۇقلۇق ھاۋا ئېقىمى ئارقىلىق يىپ ئېگىرىش ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى بەرپا قىلىنىپ، مەھسۇلاتلىرى تۈركىيە، رۇسىيە، ئىتالىيە، پولشا قاتارلىق دۆلەتلەرگە سېتىلدى.

  2019 - يىلى 3 - ئايدا، جۇڭتەي يېڭى يىپەك يولى تاجىكىستان يېزا ئىگىلىك توقۇمىچىلىق كەسىپلەر باغچىسىنىڭ 3 -، 4 - قارارلىق رەخت توقۇمىچىلىق، بوياقچىلىق ۋە تەييار كىيىم - كېچەك تۈرىدە ئىش باشلاندى، مۆلچەرلىنىشىچە، 2021 - يىلى 9 - ئايدا پۈتۈن باغچە رايونى پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن. تۈر پۈتكەندىن كېيىن، بۇ باغچە رايونى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدار كۆلىمى ئەڭ چوڭ، كەسىپ زەنجىرى ئەڭ مۇكەممەل توقۇمىچىلىق كەسىپلەر باغچىسىغا ئايلىنىپ، 3000 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ھەل قىلغىلى بولىدىكەن.

  جۇڭتەي (دانگارا) يېڭى يىپەك يولى توقۇمىچىلىق كەسپى چەكلىك شىركىتى، جۇڭتەي (خاتلون) يېڭى يىپەك يولى يېزا ئىگىلىك كەسپى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى چېن ۋاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 3 -، 4 - قارارلىق تۈر پۈتكەندىن كېيىن، تاجىكىستاننىڭ خاتلون ئوبلاستى، سۇغىت ئوبلاستى قاتارلىق جايلارنىڭ كېۋەز تېرىقچىلىق كەسپى ۋە توقۇمىچىلىق كەسپىنى زىچ تۇتاشتۇرۇپلا قالماي، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە يىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، تاجىكىستان يىپلىرىنى خەلقئارا يۇقىرى دەرىجىلىك يىپ بازىرى قاتارىغا كىرگۈزىدۇ. بۇ تۈر يەنە خام ماتېرىيال پاختىنى پىششىقلاپ ئايلاندۇرۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، تاجىكىستاننىڭ كېۋەز تېرىقچىلىقىدىن يىپ ئېگىرىش، رەخت توقۇش، بوياش، كىيىم تىكىشكىچە بولغان بىر گەۋدىلەشتۈرۈش جەريانىدىكى تارىخىي بوشلۇقىغا خاتىمە بېرىدۇ.

  «بىز <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق قۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى قەدەممۇقەدەم پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭتەي يېڭى يىپەك يولى تاجىكىستان يېزا ئىگىلىك توقۇمىچىلىق كەسىپلەر باغچىسى تۈرىنى جۇڭگو - تاجىكىستان دوستلۇقى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە كارخانىلارنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىنى ئالغا سىلجىتىش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز» دېدى جۇڭتەي گۇرۇھى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر ۋاڭ خۇڭشىن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ