مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونىمىز بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئەۋزەل رايوندىن 42نى ئورۇنلاشتۇرىدۇ

2020.07.08 17:33 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  «بۇ يىل مەن شىندۇڭ 60 - نومۇرلۇق بۇغداينى تېرىدىم، ئوتتۇرىچە مو بېشى ھوسۇلى 500 كىلوگىرامدىن ئاشتى، ھەر مودىن كونا سورتقا قارىغاندا 87 كىلوگىرام كۆپ ھوسۇل ئالدىم، مو بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمىم 230 نەچچە يۈەن كۆپەيدى.» 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، يېڭىشەھەر ناھىيەسى ياندۇما يېزىسى يۇقارقى يايلاق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابدۇرۇسۇل ئىبراھىم مۇنداق دېدى: ھازىر سىياسەت ياخشى، ئۇرۇقچىلىق كارخانىلىرى يەنە پۈتۈن مۇساپىلىك تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇغدايدىن قىلىنىدىغان كىرىم يىلدىن - يىلغا كۆپەيدى، ئىشەنچىمىزمۇ يىلدىن - يىلغا ئاشتى.

  ئاپتونوم رايونىمىز قۇرغاق، يېرىم قۇرغاق، چۆللۈك، بوستانلىق، سۇغىرىشقا تايىنىدىغان يېزا ئىگىلىك ئېكولوگىيە رايونى، ئېلاستىكلىقى كۈچلۈكتىن ئوتتۇراھال، ئاجىزغىچە بولغان تۈرلۈك ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي تېرىشقا ماس كېلىدىغان بولۇپ، دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش رايونى ھېسابلىنىدۇ. ساياھەتچىلىكنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، نان، لەڭمەن قاتارلىق خاس يېمەكلىكلەر شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى ئاممىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۇن ئىستېمالىغا بولغان زۆرۈر ئېھتىياج ئېشىپ، ئەلا سۈپەتلىك بۇغداينى مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇش زۆرۈر بولۇپ قالدى.

  مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، ئاپتونوم رايونىمىز جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكى، چۆچەك - دۆربىلجىن ئويمانلىقى، تارىم ئويمانلىقى قاتارلىق يەتتە بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش رايونىدىكى 11 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ 42 ئەۋزەل رايونىدىكى ئاساسلىق بۇغداي ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ناھىيە، شەھەردە بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش ئەۋزەل رايونلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئەۋزەل رايونلارغا مەركەزلىشىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، بۇغداي بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدىكەن.

  بۇ جەرياندا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا «شىنجاڭ ئىچىدە تەڭپۇڭلىشىش، ئازراق ئېشىنچا بولۇش» ئاساسىي پىرىنسىپىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، «ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاش» ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئاشلىق تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بۇغداي تېرىش يېتەكچى پىلانىنى داۋاملىق چۈشۈرۈپ، بۇغداي قاتارلىق ئوزۇقلۇق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىدۇ. ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، شىمالىي شىنجاڭدا كۈچلۈك تىندۇرما بۇغداي، ئورگانىك بۇغداي، مول سېلېنلىق بۇغداي قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان بۇغداينى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئېھتىياجنىڭ ئۈنۈملۈك جىپسىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى مەۋقەنى ئوزۇقلۇق ئاشلىقنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە قويۇپ، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ھوسۇللۇق، مېۋىلىك دەرەخ بىلەن ئاشلىقنى كىرىشتۈرۈپ تېرىش ئەندىزىسىگە ماس كېلىدىغان يېڭى بۇغداي سورتىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش، كېڭەيتىشنى تېزلىتىپ، بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مىقدارنى ئاشۇرۇشتىن مىقدار، سۈپەتنى ئورتاق ئۆستۈرۈشكە قاراپ ئۆزگىرىشىنى ئالغا سىلجىتىدۇ. پۈتۈن ئاپتونوم رايون تېرىلغۇ يەر سۈپىتى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئاشلىق ئېتىزى بەرپا قىلىپ، ئۇرۇقلۇق يېتىشتۈرۈش بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئاشلىق ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ مول ھوسۇل ئېلىش ئاساسىنى پۇختىلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون يەنە خاسلىقى روشەن، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان ئەۋزەل كەسىپ بەلبېغى بەرپا قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئوبوروتنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  2022 - يىلىغا بارغاندا، ئاپتونوم رايونىمىز ئەلا سۈپەتلىك، يېشىل، ئورگانىك بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ 3 مىليون 500 مىڭ مودىن كەم بولماسلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، بۇغداي مۇھىم نۇقتا قىلىنغان ئاشلىقنى بازارلاشتۇرۇپ، كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى ئەندىزىسىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىدۇ. 2025 - يىلىغا بارغاندا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئەلا سۈپەتلىك، يېشىل، ئورگانىك بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمى 4 مىليون مودىن كەم بولمايدۇ، كاپالىتى تېخىمۇ كۈچلۈك، ئىشلىتىلىش ئورنى تېخىمۇ كۆپ مەنبەلىك، ماس كېلىش دائىرىسى تېخىمۇ كەڭ، قۇرۇلمىسى تېخىمۇ مۇۋاپىق بولغان ئاشلىق بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىنىدۇ، بۇغداي كەسپى يۇقىرى ھوسۇللۇق، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان، يېشىل بولغان ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىلىك تەرەققىيات يولىغا قەدەم قويىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز بۇغداي سېتىۋېلىش - زاپاس ساقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، كۈزگى بۇغداي تېرىلغۇ يېرىنىڭ مۇنبەتلىكىنى قوغداش ياردەم تولۇقلىمىسى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپ، بۇغداي يېڭى سورتىنى كېڭەيتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بىر قاتار سىياسەت تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش ئىدىيەسى ۋە ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوغدىدى، شۇنداقلا پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە بۇغداي كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە پۇختا ئاساس سالدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ