شىنجاڭنىڭ بۇ جايلىرىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃37تىن ئاشىدۇ
7-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 11دىن 59 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى يۇقىرى تېمپېراتۇرالىق ھاۋارايىدىن سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چىقاردى: مۆلچەرلىنىشىچە، 7-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن كېيىندىن 7-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە، جەنۇبىي شىنجاڭدا تارىم ئويمانلىقىنىڭ كۆپ قىسمى، تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرىنىڭ جەنۇبىدا ℃35تىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرىلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، قومۇل شەھىرىنىڭ جەنۇبىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃37تىن، تۇرپان شەھىرىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃40تىن يۇقىرى بولىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ