مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ناندىكى بەختلىك تەم

2020.07.07 17:24 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  يېقىندا، تاراتقۇلار قورغاس نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان بىر تۈركۈم نانلارنىڭ قورغاس پورتى ئارقىلىق دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. شىنجاڭلىقلارنىڭ تاماق ئۈستىلىدە تولىمۇ ئاددىي ھېسابلىنىدىغان نان بۈگۈنكى كۈندە قورغاسنىڭ «يول ئىقتىسادى»دىن «پورت ئىقتىسادى» «كەسىپ ئىقتىسادى»غا ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولىدىغان خىزمەت تۇتقۇلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. نان ئاشقازىنىمىزنى ئىللىتىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى بىزگە كىيىمىمىز پۈتۈن، قورسىقىمىز توق بەختلىك تۇرمۇش ئېلىپ كەلدى، بۇ، شىنجاڭنىڭ نانچىلىق كەسپى تەرەققىياتىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى.

  نان شىنجاڭنىڭ يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم تەركىبىي قىسىم، بۇ، ئۇنىڭ تەڭداشسىز بازار ئورنىنى بەلگىلىگەن. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، ناندىن ئىبارەت بۇ خاس بايلىق چۆرىدىلىپ، كەنتلەردە نانچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلدى، شەھەرلەردە نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇلدى، كەسىپلەشكەن تەرەققىيات يولى ئىلگىرىكى تاماق ئۈستىلىدىكى ئاددىي پېرسوناژنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇش، بېيىپ ھاللىق جەمئىيەتكە ئاتلىنىشتىكى تىرەكلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردى.

  ئادەتلەنگەن تەم كىشىنى ئەڭ تەسىرلەندۈرىدۇ، نانغا سىڭگەن تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە ھەرگىز سەل قارىماڭ. قارىماققا ئاددىي كۆرۈنىدىغان كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك، تۇرالغۇ، يۈرۈش - تۇرۇشقا ھەمىشە جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ يوشۇرۇنغان بولىدۇ، مۇشۇ پۇرسەتلەرنى تۇتۇپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرغاندا، خاس مەھسۇلاتلارنىڭ بازار قىممىتىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، پۇقرالارنىڭ يانچۇقىنى تېخىمۇ تومپايتىپ، ئاممىنىڭ تەرەققىياتقا بولغان ئىشەنچىسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ