7-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ، دۆلەت يولى G30 لىنيەسىنىڭ ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ئۈرۈمچى-كۈيتۈن بۆلىكىدە ئېلېكترونلۇق نازارەت قىلىپ تىزگىنلەشتە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قارىتا رەسمىي جازالاش ئېلىپ بارىدۇ.
مۇخبىرنىڭ 7-ئاينىڭ 4-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول تارماق ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، يول قاتناش تەرتىپىنى قوغداپ، يول قاتناش ھادىسىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، مەدەنىي، ئىناق يول قاتناش مۇھىتى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى» قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، يۇقىرى دەرىجىلىك تارماق ئەترەت دۆلەت يولى G30 لىنيەسىنىڭ ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ ئۈرۈمچى-كۈيتۈن بۆلىكىدە ئېلېكترونلۇق نازارەت قىلىش، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى پەيتلىك سۈرەتكە تارتىش نۇقتىسى قۇرۇپ، ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدەش، ئەڭ تۆۋەن سۈرئەتتىن تۆۋەن سۈرئەت بىلەن يۈرۈش، تېلېفون ئۇرۇش، تېلېفون قوبۇل قىلىش، بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقىماسلىق، بەلگىلەنگەن ئاپتوموبىل يولىدا يۈرمەسلىك، بەلگە سىزىقىغا خىلاپ يول يۈرۈش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قارىتا پەيتلىك سۈرەتكە تارتىشنى يولغا قويىدىكەن.
7-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىش مۇددىتى بولۇپ، پەيتلىك سۈرەتكە تارتىلغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار ئاگاھلاندۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ