مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئاچتى

2020.07.06 16:12 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چېگرا پورتلىرىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى قايتا ئورۇنلاشتۇردى، قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھازىر، چېگرا سىرتىدا يۇقۇم سىجىل يامراپ، يۇقۇم كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بېسىمى ۋە خىرىسى ئاشتى. ھەرقايسى پورتلار تۇرۇشلۇق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرى چېگرا پورتلىرىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، ئۇزاققا سوزۇلغان جەڭ، يوقىتىش جېڭىنى ياخشى قىلىشقا تولۇق تەييارلىق قىلىپ، ئۇرۇش ۋاقتى ھالىتى، ئۇرۇش ۋاقتى تەپەككۇرىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، ھەرقانداق بىخۇدلۇق ئىدىيەسى، ئۇرۇشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتى، تەلەي سىناش پىسخىكىسى، بوشىشىپ كېتىش روھىي ھالىتىنى قەتئىي چۆرۈپ تاشلاپ، قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپىگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچانلىق بىلەن چېگرا پورتلىرىنىڭ دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ، يوچۇقنى ئېتىپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ قاتتىق، تېخىمۇ ئىنچىكە، تېخىمۇ پۇختا تەدبىرلەر بىلەن، تىرىشىپ چېگرا سىرتىدىن يۇقۇم كىرىش خەۋپ - خەتىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: چېگرا سىرتىدىن يۇقۇم كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھازىرقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى، قۇرۇقلۇق پورتلىرى بۇ قاتتىق جەڭنى ياخشى قىلىش، ئۇنىڭدا غەلىبە قىلىشتىكى ئاساسلىق جەڭ مەيدانى. تەھلىل قىلىش، تەتقىق قىلىش - ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قاراتمىلىق ھالدا مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئۆتكەلنى ئالدىغا سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، خادىم قاتارلىق جەھەتلەردىكى باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، يوچۇقسىز ئۇدۇللاشتۇرۇلغان باشقۇرۇش - تىزگىنلەش يېپىق ھالقىسى، خىزمەت يېپىق ھالقىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. تەكشۈرۈش - ئۆلچەش، قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ۋاقتىدا بايقاش، تېز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىش، دەل جايىدا باشقۇرۇش - تىزگىنلەش، ئۈنۈملۈك قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پورت تۇرۇشلۇق ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە قوماندانلىق ئىشتابلىرى تەۋەلىك مەسئۇلىيىتى ۋە پارتىيە كومىتېتى شۇجىلىرى بىرىنچى جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشى كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار يەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى ئارقىسىدا «يېپىق ھالقىسىمان باشقۇرۇش - تىزگىنلەش»تىن ئىبارەت ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاتتىق مۇداپىئەلىنىپ، چىڭ ساقلاپ، بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويماي، پورتنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. «قايتا قاراپ چىقىش»نى قانات يايدۇرۇپ، كەمتۈكلۈك، يوچۇقلارنى چوڭقۇر رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، ئوخشاش بولمىغان ئىنكاس قايتۇرۇش دەرىجىسىدىكى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىي جەڭ مانېۋىرىنى كۈچەيتىپ، ئۈنۈملۈك بايقاش، تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالدىن ھۆكۈم قىلىش دائىرىسىدە بولۇشى، تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ كونتروللۇقىمىز دائىرىسىدە بولۇشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئايرىم - ئايرىم ھالدا پورتلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن جاڭ چۇنلىن، ۋاڭ مىڭشەن، مەڭلىك سىيىت، ليۇ جيەنشىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ