مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قاسىمجان كومپيۇتېردا لايىھەلەش دارېنىغا ئايلاندى

2020.07.06 16:11 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، مۇخبىرلار قاسىمجان خېلىل بىلەن خوتەن شەھىرىدىكى بىرقەدەر ئاۋات كوچىدا كۆرۈشۈشكە كېلىشتى، ئۇنىڭ شىركىتى مۇشۇ كوچىدا ئىدى.

  قاسىمجاننىڭ ئىشخانىسىغا كىرگەندە، مۇخبىرلارنىڭ كۆرگىنى كومپيۇتېر ئېكرانىدىكى بىر نۇسخا لايىھەلەش بېتى بولدى. «بايىلا كۆرگەزمىگە دائىر ئىشنى قوبۇل قىلدىم، يېقىنقى بىرنەچچە كۈندە ئىش تاپشۇرىمەن، شۇڭا تېزدىن نۇسخىنى لايىھەلەپ بولۇشۇم كېرەك» دېدى قاسىمجان.

  دائىم ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش خىزمەتنى تىرىشىپ ئىشلەش

  بۇلتۇر 3 - ئايدا، قاسىمجان خوتەن شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەلىنىشنى تاماملىدى. بىر قېتىم دوستى مۇزەپپەر مۇختەر بىلەن پاراڭلاشتى، مۇزەپپەرنىڭ باسما، كۆرگەزمىگە ئالاقىدار شىركەت قۇرۇش ئويى بار ئىدى، لېكىن مەبلىغى يېتىشمەيتتى، يەنە كەسپىي لايىھەلەش خادىمىغا ئېھتىياجلىق ئىدى. بۇ ئوي قاسىمجاننىڭ ئويلىغىنى بىلەن بىر يەردىن چىقتى، ئۇ كومپيۇتېردا لايىھەلەشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىۋاتقىنىغا خېلى ئۇزاق بولغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككەيلەن تېز ۋە ئاسانلا پۈتۈشۈپ، ئورتاق مەبلەغ چىقىرىپ ھازىرقى شىركەتنى تەشكىللەپ قۇردى، مۇزەپپەر سىرتقا چىقىپ كەسپىي ئىشلارغا قاتراشقا مەسئۇل بولدى، قاسىمجان كومپيۇتېردا لايىھەلەشكە ۋە ئىشخانىدىكى كەسپىي ئىشلارغا مەسئۇل بولدى. بۇلتۇر 4 - ئايدا، ئۇلار 90 كىۋادرات مېتىرلىق بىر يۈرۈش ئىشخانىنى ئىجارىگە ئالدى، ناھايىتى تېزلا شىركەت تىجارەت باشلىدى.

  «ھەممە ئىشنىڭ باشلىنىشى تەس بولىدۇ، يېڭىلا تىجارەت باشلىغاندا كەسپىي ئىشلار ئانچە كۆپ بولمىدى. بىراق بىز كۆڭۈل قويۇپ ئىشلىسەكلا، چوقۇم ياخشى بولۇپ كېتىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنەتتۇق.» قاسىمجاننىڭ مۇخبىرلارغا ئېيتىشىچە، دەرۋەقە كېيىنكى يېرىم يىلغا كەلگەندە، شىركەتنىڭ كەسپىي ئىشلىرى تەدرىجىي كۆپىيىشكە باشلىغان.

  چۈنكى ئاساسلىق كەسىپ لايىھەلەش بولغاچقا، قاسىمجان دائىم بىر قىسىم لايىھەلەش تور بېكەتلىرىنى كۆرەتتى، لايىھەلەش جەھەتتىكى بىر قىسىم كىتابلارنى ئوقۇيتتى. زامانىۋى لايىھەلەش ئۇسلۇبى، لايىھەلەش ئېقىمى ھەم لايىھەلەش ئىدىيەسى تىلغا ئېلىنسىلا، قاسىمجان ناھايىتى ھاياجانلىناتتى. «كومپيۇتېردا لايىھەلەشنىڭ كەسىپچانلىقى كۈچلۈك، لايىھەلەش ئىدىيەسىنىڭ يېڭىلىنىشى ناھايىتى تېز، ئەگەر ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بەرمىسەك، دەۋر تەرەققىياتىغا يېتىشەلمەيمىز.» قاسىمجان مۇنداق دېدى: لايىھەلەش ئېقىمىغا يېتىشىپ ئۆگىنىپ، خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى چۈشەنگەندىلا، ئاندىن خېرىدارلار رازى بولغۇدەك ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايمىز.

  ئەمدىلا قوبۇل قىلغان كۆرگەزمە لايىھەلەش لايىھەسىنى تېزدىن پۈتتۈرۈش ئۈچۈن، قاسىمجان ئۇدا بىر ھەپتە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، ھەر كۈنى ئۆيىگە ناھايىتى كەچ قايتتى. «ۋاقىت يەنىلا يېتەرلىك ئىدى، قاسىمجان بۇنداق جاپالىق ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىمىسىمۇ تامامەن بولاتتى، لېكىن ئۇ مانا مۇشۇنداق تىرىشچان ئادەم» دېدى مۇزەپپەر.

  تىرىشىپ ئۆگىنىش كۆزىنى يوغان ئېچىش

  قاسىمجان ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە داجۇەندە ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن كومپيۇتېرنى ناھايىتى ياخشى كۆرگەچكە، بىر يۇمشاق دېتال تېخنىكىسى شىركىتى ئاچقان بولۇپ، تىجارىتى يامان ئەمەس ئىدى. قاسىمجانمۇ باشقا ياشلارغا ئوخشاش تورغا چىقىشنى ياخشى كۆرەتتى، بىر قېتىم ئۇ يان تېلېفون ئويناۋاتقاندا تۇيۇقسىز بىر تور ئادرېسى چىقىپ قالغان، ئۇ چېكىپلا كۆرگەن. «ئەينى چاغدا بۇنىڭ بىر دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى تارقىتىدىغان تور بېكىتى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتمەپتىمەن، ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلارغا مەپتۇن بولۇپ، خەۋپلىكلىكىنىمۇ تونۇپ يەتمەپتىمەن» دېدى قاسىمجان ئەسلەپ.

  شۇنىڭدىن كېيىن قاسىمجان يان تېلېفونىنى ئاچسىلا، شۇنىڭغا ئوخشاش تور بېكەتلەرنى كۆرىدىغان بولغان. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، ئۇ تور بېكەتلەر تارقاتقان ئاشۇ ئەسەبىي ئىدىيەلەرنى ئېتىراپ قىلىشقا باشلىغان، ئىش - ھەرىكىتىدىمۇ ئاستا - ئاستا ئۆزگىرىش بولغان.

  دوستلىرى ئۇنى بىللە سىرتقا چىقىپ يىغىلىش ئۆتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلىپ، ئازراق ھاراق ئىچمەكچى بولغاندا، ئۇلارنى ئېغىز ئاچقۇزماي، ئۆكتەملىك بىلەن ئەيىبلەپ، كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈلسىز تارقىلىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان، دوستلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنى ئۆزگىرىپ غەرەز ئۇقمايدىغان بولۇپ قاپتۇ دەپ ھېس قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئويناشنى خالىمىغان، ئەمما قاسىمجان بۇنىڭغا پىسەنت قىلماي، ئەكسىچە تور بېكەتلەردىكى ئەسەبىي ئىدىيە بار بولغان ئۈن - سىنلارغا بارغانسېرى مەپتۇن بولۇپ قالغان، شىركەتنىڭ سودىسىمۇ بىراقلا تۆۋەنلەپ كەتكەن.

  ئوغلىنىڭ ئىش - ھەرىكىتىنىڭ بارغانسېرى قېلىپتىن چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قاسىمجاننىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ بېشى قاتقان، ئانىسى كۆز يېشى قىلىپ تۇرۇپ نەسىھەت قىلغان، بىراق قاسىمجاننىڭ ئەسلا قۇلىقىغا كىرمىگەن. ئامالسىزلىقتىن ئاتا - ئانىسى مەھەللە كادىرىدىن ياردەم سورىغان. مەھەللە كادىرىنىڭ كۆپ قېتىم نەسىھەت قىلىشى بىلەن قاسىمجان تىزىمغا ئالدۇرۇپ خوتەن شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە كېلىپ ئۆگىنىشكە قاتناشقان.

  تەربىيەلەش مەركىزىدە، قاسىمجان چۈشتىن ئەمدىلا ئويغانغاندەك بولغان. ئۆگىنىش ئارقىلىق قاسىمجان نۇرغۇن كىشىنىڭ دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ زەھەرلىشىگە چوڭقۇر ئۇچراپ، ئائىلىسىنىڭ خانىۋەيران بولغانلىقىنى بىلگەن. ئۇ شۇندىلا ئۆزىنىڭ تىك يار لېۋىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئەگەر مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى چۈشەنگەن. «<ئۈچ خىل كۈچ> تور بېكەتلەردىكى ئاشۇ سىن، ئۈنلەردىن پايدىلىنىپ، ئاددىي پۇقرالارنى ئالداپ، ئۆزلىرىنىڭ خۇپىيانە غەرىزىگە يەتمەكچى بولدى.» قاسىمجان مۇنداق دېدى: ئىلگىرى تولىمۇ ھاماقەت ئىكەنمەن، بەختكە يارىشا ۋاقتىدا يار لېۋىدىن قايتتىم.

  كۆزىنى يوغان ئېچىپ، ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، قاسىمجان تەربىيەلەش مەركىزىدە ئاكتىپ ئىلگىرىلەيدىغان، تىرىشىپ ئۆگىنىدىغان بىر ياخشى ئوقۇغۇچىغا ئايلانغان. ئۇنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىق سەۋىيەسى ئەسلىدىنلا يامان ئەمەس بولۇپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىقتىدارى يەنىمۇ ئۆسكەن. ئۇ «كىچىك يېتەكچى» بولۇپ، ھەر كۈنى باشقا تەربىيەلەنگۈچىلەرنى دۆلەت ئورتاق تىلىدا كىتاب ئوقۇشقا يېتەكلىگەن. قاسىمجان يەنە لېكسىيە سۆزلەشكە ئاكتىپ قاتنىشىپ، دائىم ھەرقايسى مەھەللە، يېزا - كەنتلەرگە بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش - تۇرمۇش، تەسىرات - ھاسىلاتلىرىنى بايان قىلغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرىنى سۆزلىگەن. «بىرىنچى قېتىم ناھايىتى جىددىيلەشتىم، كېيىن كۆپچىلىكنىڭ بىزنىڭ لېكسىيەمىزنى ناھايىتى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى بايقىدىم. مېنىڭچە، قىلغان ئىشىمنىڭ ناھايىتى قىممىتى بار» دېدى قاسىمجان.

  پۇل تاپقاندىن كېيىن ئۆي - ئوچاقلىق بولۇشنى ئويلاش

  «بۇ يىل بىز ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.» قاسىمجان مۇنداق دېدى: 3 - ئاينىڭ ئاخىرى ئىش ئەسلىگە كېلىپلا، شىركەت 300 نەچچە مىڭ يۈەنلىك تۈرگە خېرىدار بولدى.

  شىركەت ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى قوللايدىغان نۇرغۇن ئېتىبار سىياسەتتىن بەھرىمەن بولدى. «ئەمدىلا خېرىدار بولۇپ مەبلەغ يېتىشمەي بېشىمىز قېتىپ تۇرغاندا، ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇل ئىلتىماس قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۇق. بىز دەرھال ئىلتىماس قىلدۇق، ناھايىتى تېزلا 350 مىڭ يۈەن قەرز پۇل ھېساباتقا كىردى، شىركەتنىڭ جىددىي قىيىنچىلىقى ھەل بولدى.» قاسىمجان مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن باشقا، شىركەتنىڭ بېجىمۇ خېلى كۆپ كېمەيتىلدى، كەچۈرۈم قىلىندى. دوستلىرىم بىلەن بىر - بىرىمىزنى رىغبەتلەندۈردۇق، دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ قوللىشى بولغاچقا، بىز بۇ يىل شىركەتنىڭ تىجارەت سوممىسىنى 1 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرمەكچى.

  «شىركەتتە ھازىر پەقەت رەڭسىز باسما ماشىنىسىلا بار، كەسىپ مۇقىملىشىپ، كىرىم ئاشقاندا، بىز ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاپ، يەنە بىر رەڭلىك باسما ماشىنىسىنى كىرگۈزمەكچى بولۇۋاتىمىز» دېدى قاسىمجان تولۇق ئىشەنچ بىلەن.

  بۈگۈنكى كۈندە قاسىمجاننىڭ ئاتا - ئانىسى غەم قىلىدىغان ئىشتىن ئۇنى ئۆي - ئوچاقلىق قىلىشلا قالدى. «بۇ يىل پۇل تېپىپ، مۇشۇ ئىشنى ئويلىشىمەن.» لايىق تېپىش تىلغا ئېلىنىۋېدى، قاسىمجان كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ھاماقەت بولغاچقا، ئاتا - ئانامنى كۆپ غەمگە سالغانىدىم، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنى يەنە غەم قىلدۇرمايمەن. ياخشى ئىشلەپ، كۆپ پۇل تېپىپ، ئاتا - ئانامغا ۋاپادار بولۇپ، كەسىپ ۋە ئائىلىنىڭ ھەر ئىككىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىكنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ