مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىمتىھان نۇقتىلىرىدا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش نۇقتىسى، زاپاس ئايرىش ئىمتىھان مەيدانى تەسىس قىلىنىدۇ

2020.07.06 16:07 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەم، ئەڭ قاتتىق تەدبىر ئارقىلىق بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى ياخشى ئىشلىنىدۇ

  ئىمتىھان نۇقتىلىرىدا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش نۇقتىسى، زاپاس ئايرىش ئىمتىھان مەيدانى تەسىس قىلىنىدۇ

  شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چاۋ جىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش قاتارلىق ئالاھىدە ۋەزىيەتكە قارىتا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سەھىيە - ساغلاملىق، مائارىپ قاتارلىق تارماقلار مۇددەتتىن بۇرۇن تۇتۇش قىلىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئالدىدىكى، ئىمتىھان مەزگىلىدىكى، ئىمتىھاندىن كېيىنكى ھەرقايسى ھالقىلىرىغا قارىتا، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەم، ئەڭ قاتتىق تەدبىر بىلەن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «تىنچ - ئامان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى»غا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خەي گۇاڭجيەن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئىمتىھان ئىشلىرى خىزمەتچىلىرىگە قارىتا ئىمتىھاندىن ئىلگىرىكى 40 كۈندە يېپىق ھالقىلىق دەۋرىيلىك قاتتىق يولغا قويۇلدى، يەنى ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار تىزىملاتقان ناھىيە، شەھەردە ئۆگىنىش قىلىدۇ، تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، ناھىيە تەۋەسىدىن چىقىپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشمايدۇ ھەم ئىمتىھاندىن ئىلگىرى قوش مۇداپىئە تەكشۈرۈش - ئۆلچەش ئېلىپ بېرىلدى؛ ئىمتىھاندىن ئىلگىرىكى 14 كۈندە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئىمتىھان ئىشلىرى خىزمەتچىلىرى كۈندىلىك سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئۆلچەپ تەكشۈرتتى، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ تىزىملاتتى ھەم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەدىنامىسى ئىمزالاپ، سالامەتلىك ئەھۋالى، تۇرۇش تارىخى، ئۇچرىشىش تارىخى قاتارلىقلارنى ئەينەن مەلۇم قىلدى؛ ھەرقايسى ئىمتىھان رايونلىرى، ئىمتىھان نۇقتىلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بەلگىلىمىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، يېتەرلىك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۈسكۈنىلىرى ۋە ماددىي ئەشيالارنى سەپلەپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش نۇقتىسى، زاپاس ئايرىش ئىمتىھان مەيدانى تەسىس قىلىش ھەم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى ياخشى ئىشلىدى.

  خەي گۇاڭجيەن مۇنداق دېدى: ئىمتىھان نۇقتىسىدا لاپاس ۋە بەدەن تېمپېراتۇرىسى نورمال بولمىغانلارنى قايتا تەكشۈرۈش ئۆيى قاتارلىقلار تەسىس قىلىندى، بارلىق ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار، ئىمتىھان خىزمەتچىلىرى بەدەن تېمپېراتۇرىسى 37.3 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولسا ئاندىن ئىمتىھان نۇقتىسىغا كىرەلەيدۇ، بىرىنچى قېتىم بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش لاياقەتسىز بولسا، مۇۋاپىق ئارام ئالغاندىن كېيىن باشقا ئۈسكۈنە ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن قايتا ئۆلچىسە بولىدۇ. يەنىلا لاياقەتسىز بولسا ياكى ئىمتىھان كۈنى قىزىش، يۆتىلىش قاتارلىق نەپەس يولى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، جەزمەن سەھىيە - ساغلاملىق تارماقلىرى ئىمتىھانغا نورمال قاتنىشالايدىغان - قاتنىشالمايدىغانلىقىنى كەسپىي جەھەتتىن باھالىغاندىن كېيىن، داۋاملىق ئىمتىھان بېرىش شەرتىنى ھازىرلىغان ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار زاپاس ئايرىش ئىمتىھان مەيدانىدا ئىمتىھان بېرىدۇ.

  «ئۇنىڭدىن باشقا، سەھىيە - ساغلاملىق تارماقلىرى ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار، ئىمتىھان خىزمەتچىلىرى ھەم ئاتا - ئانىلارغا قارىتىلغان ساغلاملىق تەربىيەسىنى قانات يايدۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلاردا كۆرۈلىدىغان تەشۋىشلىنىش، ئەنسىرەش قاتارلىق كەيپىياتلارغا قارىتا مەسلىھەت سوراش كۆزنىكى ھەم پىسخىكا جەھەتتە ياردەم بېرىش قىزىق لىنىيەسى تەسىس قىلىپ، ئىمتىھاندىن ئىلگىرىكى پىسخىكا جەھەتتە يېتەكلەش قاتارلىق ئالاقىدار مۇلازىمەتلەرنى ياخشى ئىشلىدى.» خەي گۇاڭجيەن يەنە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرىغا مۇنداق ئەسكەرتتى: ئىمتىھان مەزگىلىدە، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئاپىرىپ ئەكېلىدىغان ئاتا - ئانىلار توپلىشىۋالماي، ئىمكانقەدەر ئىمتىھان رايونىدىن يىراق تۇرۇپ، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا تېخىمۇ ياخشى ئىمتىھان مۇھىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ