مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ كۆپ يول ئارقىلىق ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىلگىرى سۈردى

2020.07.06 16:04 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى چۇنشيانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئالدىنقى مەزگىلدە جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ 8589 تەكلىپ قىلىنىدىغان ئىش ئورنىنى ئېلان قىلىش ئاساسىدا، يەنە بىر قېتىم ھۆكۈمەت تور بېكىتىدە 2020 - يىلى ئاپتونوم رايوندىكى كەسپىي ئورۇنلارنىڭ جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ئاشكارا خىزمەتچى خادىم تەكلىپ قىلىش ئىش ئورنى ئۇچۇرلىرى(2 - تۈركۈم)نى ئېلان قىلغان، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق 15 كەسپىي ئورۇن، يەتتە ۋىلايەت، ئوبلاستنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، جەمئىي 6338 تەكلىپ قىلىنىدىغان ئىش ئورنى بار ئىكەن.

  كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، يېقىنقى مەزگىلدە، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇپ، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئاشكارا تەكلىپ قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك، ھەر تۈرلۈك كەسپىي ئورۇنلاردىكى بوش قالغان ئىش ئورۇنلىرىنى %80تىن تۆۋەن بولماسلىق نىسبىتى بويىچە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى مەخسۇس تەكلىپ قىلىش(كەسىپ تاللاش مەزگىلىدە خىزمەت ئورنى ئەمەلىيلەشمىگەن ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)قا ئىشلىتىشنى ئايدىڭلاشتۇرغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ تەكلىپ قىلىش شەكلىنى يەنىمۇ بېيىتىپ، توردا، تور سىرتىدا، مەكتەپتە تەكلىپ قىلىش قاتارلىق جانلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، ھەرقايسى ھالقىلارنىڭ توختاپ قالماسلىقى، ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى ساقلىغان؛ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى جاپالىق، چەت - ياقا رايونلاردىكى كەسپىي ئورۇنلارغا بېرىپ ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش داۋامىدا تۆھپە يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرغان ۋە يېتەكلىگەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل پۈتۈن شىنجاڭدىكى كەسپىي ئورۇنلار پىلانلىغان تەكلىپ قىلىش ئىش ئورنى 17 مىڭ ئىكەن (ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلىش ئىش ئورنىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن). نۆۋەتتە، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار تەكلىپ قىلىش پىلانى بويىچە، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ئاشكارا تەكلىپ قىلىش خىزمىتىنى بىخەتەر، تەرتىپلىك، ئۆز ئالدىغا قوزغىتىپ ھەم قانات يايدۇرۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى پائال قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇۋېتىپتۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ نانىڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئاچقان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بىڭتۇەن ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە «بەش بىر تۈركۈم»دىكى جەمئىي 26 مىڭدىن كۆپرەك ئىش ئورنى ئارقىلىق، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ كۆپ يول ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا، ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەت بېرىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىل بىڭتۇەنگە قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەردە 13 مىڭ 863 ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتكۈزگەن بولۇپ، 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنىگىچە 8037 ئوقۇغۇچى ئىشقا ئورۇنلىشىش كېلىشىمى ئىمزالىغان، بۇ، بىڭتۇەنگە قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ تەخمىنەن %58ىنى ئىگىلەيدىكەن. كېيىنكى قەدەمدە، ئورگان، كەسپىي ئورۇنلار ئارقىلىق بىر تۈركۈمى قوبۇل(تەكلىپ) قىلىنىدىكەن، كارخانىلار بىر تۈركۈمىنى قوبۇل قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدىكەن، ئاساسىي قاتلام مۇلازىمەت تۈرلىرى بىر تۈركۈمنى قوبۇل قىلىدىكەن، ئىگىلىك تىكلەشكە ياردەم بېرىش ئارقىلىق بىر تۈركۈمى يېتەكلىنىدىكەن، بىر تۈركۈمنىڭ كۆپ خىل شەكىلدە جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا مەدەت بېرىلىدىكەن، «بەش بىر تۈركۈم»دىكى جەمئىي 26 مىڭدىن كۆپرەك ئىش ئورنى ئارقىلىق ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ كۆپ يول بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا، ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەت بېرىلىدىكەن.

  نۆۋەتتە، بىڭتۇەن 2020 - يىللىق ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارغا قوبۇل(تەكلىپ) قىلىش خىزمىتىنى قوزغاتقان، شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە يۈزلىنىپ 7400 ئادەم ئەتراپىدا قوبۇل(تەكلىپ) قىلىشنى پىلانلىغان.

  بىڭتۇەن تەدبىر قوللىنىپ ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، بىر قېتىملىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىدىكەن. كارخانىلار قوبۇل قىلغان ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرگە قارىتا ئىش ئورنىدا تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرسا، كەسىپ بويىچە تەربىيەلەش ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىپ قوللايدىكەن، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تەكلىپ قىلىش كۆلىمىنى ماس قەدەمدە كېڭەيتىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسلىق يول ئارقىلىق، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى مۇقىملاشتۇرىدىكەن.

  بىڭتۇەن يەنە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرگە قارىتىلغان «ئۈچنى قوللاش، بىرنى يۆلەش» پىلانى، «ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرى»، غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى قاتارلىق ئاساسىي قاتلام مۇلازىمەت تۈرلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ يولغا قويۇش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى بىڭتۇەنگە، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى شى، تۇەنلەرگە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇرغان، يېتەكلىگەن. 2020 - يىلى بىڭتۇەن ئاساسىي قاتلام مۇلازىمەت تۈرلىرىگە ئەمەلىي قوبۇل قىلغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ سانى 4401 بولۇپ، بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا %30 كۆپەيگەن، نۆۋەتتە توردا سىناش، يۈزتۇرا ئىمتىھان ئېلىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەر ئاساسىي جەھەتتىن تاماملانغان.

  بىڭتۇەن ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى يەنە ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلى(ئەڭ يۇقىرى سوممىسى 200 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ)، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى مەزگىلىدە بىر قېتىملىق ئىگىلىك تىكلەش ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش سىياسىتى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلى ۋە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش قاتارلىق يۆلەش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە، ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ئىلھام بېرىدىكەن. سۇپا ئىقتىسادى، كىچىك دۇكان ئىقتىسادى قاتارلىق 3 - كەسىپ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تايىنىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش قاتارلىق قوللاش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش بوشلۇقىنى كېڭەيتىدىكەن.

  ئىختىيارىي مۇخبىرلار جاۋ شۇاڭ، ۋاڭ شىنۋېن خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى 6132 ئىش ئورنىنى توپلاپ - جەملەپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىش ئورنىنى تاللاپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا شارائىت يارىتىپ بەرگەن.

  بۇ يىل بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەر 11 مىڭغا يېقىنلىشىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %16.7 كۆپەيگەن، ئۇنىڭغا ئوتتۇرا تېخنىكوم، تېخنىك مەكتەپ قاتارلىقلارنى پۈتكۈزگەنلەرنى قوشقاندا، بۇ يىل ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تېگىشلىك ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەر جەمئىي 16 مىڭ ئىكەن.

  بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى يۈ جيەنگو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 6132 ئىش ئورنى ئىچىدە، كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ئىش ئورنى %56.8نى ئىگىلەيدۇ، 147 ئىش تۈرىگە چېتىلىدۇ. ئىش ئورنى ئۇچۇرلىرى ۋېيشىن، تور، يان تېلېفون APPسى قاتارلىق سۇپىلار ئارقىلىق نۇقتىدىن نۇقتىغا تارقىتىلدى، ھەرقايسى جايلار ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بار ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم ئىش ئورنى تەۋسىيەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، بايىنغولىن ئوبلاستى يەنە ئىجتىمائىي كاپالەت ياردەم تولۇقلىمىسى تارقىتىش، باجنى كېمەيتىش - ھەقنى تۆۋەنلىتىشنى يولغا قويۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق كارخانىلارنى ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنى ئىمكانقەدەر قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرغان ھەم ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەشكە تەشكىللەش، ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلى سوممىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەت بەرگەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ