مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ تەپتىش ئورگانلىرى ئەكبەر غۇپۇرنى پارا ئېلىش دېلوسىغا چېتىشلىق دەپ قانۇن بويىچە ئەيىبلىدى

2020.07.01 18:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىرى ئەكبەر غۇپۇر (نازىر دەرىجىلىك)نىڭ پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلوسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن تاپشۇرۇلۇپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە قانۇن بويىچە ئەيىبلەشكە سۇنۇلدى.

  تەپتىش ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش باسقۇچىدا، ئەكبەر غۇپۇرغا ئۇنىڭ بەھرىمەن بولىدىغان دەۋا ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە ئۇقتۇردى ھەمدە جاۋابكار قانۇن بويىچە سوراق قىلىنىپ، ئاقلىغۇچىنىڭ پىكرى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: جاۋابكار ئەكبەر غۇپۇر خىزمەتتىكى قولايلىقلىقى ۋە ئۆزىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى ياكى ئورنىدىن شەكىللەنگەن قولايلىق شارائىتىدىن پايدىلىنىپ، دۆلەتنىڭ باشقا خادىملىرىنىڭ ۋەزىپە جەھەتتىكى ھەرىكىتى ئارقىلىق، باشقىلارنىڭ قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئېلىشى ۋە ۋەزىپىسىنىڭ ئۆسۈشى قاتارلىق جەھەتلەردە مەنپەئەت كۆزلەپ، باشقىلاردىن پۇل-مال تەلەپ قىلغان ۋە ئالغان. ئۇ پۇل-ماللارنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن قانۇن بويىچە سۈرۈشتۇرۇلۈشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ