مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا، شىنجاڭدا 62 نۇقتىلىق تۈردە يېڭىدىن قۇرۇلۇش باشلاندى

2020.06.30 17:34 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرنى يېڭىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمەتلىرىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

  6-ئاينىڭ 28-كۈنى ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 5-ئايغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە، ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتتىكى 65 مۇھىم، نۇقتىلىق مەسىلىنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق تۈرلىرىدە ئىش باشلاش قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرگەن. 5-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، 62 نۇقتىلىق تۈردە يېڭىدىن ئىش باشلىنىپ، جەمئىي 5 مىليارد 300 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان.

  62 نۇقتىلىق تۈردە يېڭىدىن قۇرۇلۇش باشلىنىشى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلاش، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ