مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خوتەن تۇەنچېڭدا، كونا كوچا يېڭى قىياپەتكە كىرگۈزۈلۈپ يۇرت ھېسسىياتى ساقلاپ قېلىندى

2020.06.30 17:33 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ياۋ گاڭ

  گۈللۈك بالىخانا، نەقىشلەنگەن ئىمارەتلەر، قەدىمىيلىك بىلەن زامانىۋىلىق بىرلەشتۈرۈلگەن قاتار - قاتار چىرايلىق كىچىك بىنالار تۇەنچېڭنى خوتەن شەھىرىدىكى ئىسمى جىسمىغا لايىق «ھۆسنى گۈزەل» جايغا ئايلاندۇردى.

  6 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، تۇەنچېڭ كوچىسىنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى ئەتىرگۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ كەتتى، كوچىدا سەيلە قىلسىڭىز، قاتار - قاتار خاس مىللىي ئۇسلۇبتىكى رەت - رەت ئىمارەتلەر، تۈپتۈز كەتكەن تەكشى يوللار، يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى دۇكانلاردىكى دوپپا، ئاسما گىلەم، مىس چۆگۈن، ئەتلەس قاتارلىق خاس مىللىي قول ھۈنەر بۇيۇملىرى كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ. مۇۋاپىق پىلانلانغان، رەتلىك، پاكىز تاشقى مۇھىتمۇ تۇەنچېڭدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئائىلىسىدە گۈل - گىياھ تېرىش قىزغىنلىقىغا تۈرتكە بولغان بولۇپ، ھەممە ئائىلىلەرنىڭ بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان دېرىزە تەكچىلىرى سۈرەتكە ئالغۇچىلارنىڭ نەزەرىدىكى بىر مەنزىرىگە ئايلانغانىدى.

  ئادەتتىكىگە ئوخشاشلا، تۇەنچېڭدا ئولتۇرۇشلۇق ئابدۇروزى مەمەت سەھەردىلا ئىشىكنى ئېچىپ، سۇ چېچىپ دۇكاننىڭ ئالدىدىكى كوچىنى پاكىز تازىلىدى، دۇكىنىغا قايتىپ كىرىپ بازىرى ئىتتىك ئاسما گىلەملەرنى كۆزگە تاشلىنىدىغان جايغا تىزىپ، خېرىدارلارنىڭ كېلىشىنى كۈتتى.

  خوتەن شەھىرىنىڭ ناۋاغ كوچىسى دائىرىسىدىكى 26 گېكتار كېلىدىغان رايون مەركەزدىن تارقىلىدىغان، يول - كوچىلار بىلەن ئورالغان بولغاچقا «تۇەنچېڭ» دەپ ئاتالغان، بۇ، شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى تىپىك ئەنئەنىۋى مىللىي ئۆرپ - ئادەت كوچا ئەندىزىسىدۇر. ئىلگىرى بۇ يەردىكى ئۆيلەر پاكار، كونا بولۇپ، بۇ جايدا ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەر كەپتەر، گۈل، قۇش، قۇرت - قوڭغۇز، بېلىق قاتارلىقلارنى ئېلىپ - سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىپ تىرىكچىلىك قىلغاچقا، كىشىلەر تەرىپىدىن كەپتەر كوچىسى دەپ ئاتالغانىدى.

  «بىر ئائىلە كىشىلىرى پاكارغىنە ئۈچ ئېغىزلىق ئۆيدە ئولتۇراتتۇق، ھويلىنىڭ ئىشىكىنى ئاچساق ئۇدۇلدىكى قوشنامنىڭ ھويلا تېمىغا تاقىشىپ قالاتتى، ئۈچ چاقلىق ھارۋىنىڭ كىرىپ - چىقىشىمۇ قىيىن ئىدى. شامال چىقسىلا سولياۋ خالتا، دەرەخ يوپۇرماقلىرى جاھاننى بىر ئالاتتى» دېدى ئابدۇروزى تۇەنچېڭنى ئۆزگەرتىشتىن بۇرۇنقى مەنزىرىنى ئەسلەپ.

  تۇەنچېڭ 2016 - يىلىدىن باشلاپ ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، تۈرگە 317 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، 3500 ئائىلىلىك ئاھالىگە چېتىلىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە تۇەنچېڭدا پاكار، كونا بىر قەۋەتلىك ئۆيلەر يوقۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا سۇ تۇرۇبىسى، ئەۋرەز تۇرۇبىسى بار، ئازادە، يورۇق ئىككى قەۋەتلىك «ئايۋان»لىق خاس تۇرالغۇلار سېلىندى.

  خوتەن ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار خىزمەتچى خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كوناشەھەرنى ئۆزگەرتىشتە ئەسلىدىكى «ئايۋان» قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى ساقلاپ قېلىنغان. «ئايۋان»لىق تۇرالغۇ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ مۇھىت كىلىماتىغا ماس كېلىدىغان قۇرۇلۇش ئەندىزىسى بولۇپ، يېپىق ئىمارەت قورۇسى بىلەن بوشلۇق لايىھەسىنىڭ قۇم - بوراندىن مۇداپىئەلىنىش رولى بولۇپلا قالماي، يەنە شۇ جاينىڭ مىللىي ئۆرپ - ئادىتى نامايان قىلىنغان.

  كوناشەھەرنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلىدى، يۇرت سېغىنىشىنى ساقلاپ قالدى، شۇنداقلا شۇ جاينىڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا جانلىنىش ئېلىپ كەلدى. ساياھەتچىلەر بۇ يەردە ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىق يۇغۇرۇلغان پۇراقنى ھېس قىلالايدۇ. تۇەنچېڭنىڭ ئەسلىدىكى قىياپىتى ساقلىنىپلا قالماي، يەنە زامانىۋى قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى بىلەن باشقۇرۇش شەكلى يۇغۇرۇلۇپ، مىللىي ئۆرپ - ئادەت كوچىسى نۇقتىلىق بەرپا قىلىنىپ، كوناشەھەر رايونىنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى.

  ئابدۇجېلىل مەتسېيىت تۇەنچېڭدىكى كونا ئاھالە بولۇپ، كۆپ يىل ئىلگىرى ئىچكىرى رايونلارغا بېرىپ تىجارەت قىلغانىدى، ياشىنىپ قېلىپ تۇەنچېڭغا قايتىپ كەلگەندە، تۇەنچېڭنىڭ 2 - قارارلىق ئۆزگەرتىلىشىگە ئۈلگۈردى، ئۇ 3 مىليون يۈەن چىقىرىپ ئۆيىنى پۇقراۋى قونالغۇ قىلىپ ئۆزگەرتتى. «ھازىر ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، مەن قونالغۇ بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە كەپتەر شورپىسى قاتارلىق خاس مەززىلىك يېمەكلىكلەر بىلەنمۇ تەمىنلەيمەن» دېدى ئابدۇجېلىل خۇشال ھالدا. ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئەتراپقا نەزەر سالدۇق، پۇقراۋى قونالغۇنىڭ ئىچىدىكى بېزەلگەن كارىدور تۈۋرۈكلىرىنىڭ ھەممىسى قولدا نەقىشلەنگەن ئىكەن، ئۆيدىكى ئۈستەل - ئورۇندۇقلارمۇ ئەسلىدىكى ئۇسلۇبتا، زالغا ئېسىلغان ئاسما چىراغ بولسا ياۋروپا ئۇسلۇبىدا ئىكەن، ئۆيگە سىمسىز تورغا چىقىش، يان تېلېفونغا توك قاچىلاش قاتارلىق ئۈسكۈنىلەر سەپلەنگەن بولۇپ، قەدىمىيلىك بىلەن زامانىۋىلىق تەبىئىي يۇغۇرۇلۇپ بىر گەۋدىگە ئايلىنىپتۇ.

  ھازىر، دۆلەت 3A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بولغان تۇەنچېڭ ساياھەتچىلەر چوقۇم بارىدىغان جايغا ئايلاندى، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان 17 مىڭ 961 ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، ساياھەت كىرىمىنى 2 مىليون 622 مىڭ 730 يۈەنگە يەتكۈزدى.

  خاس يېمەك - ئىچمەك تىجارىتى قىلىش، ئازادە ئارام ئېلىش رايونى بەرپا قىلىش، توردا ئالقىشلانغان مەززىلىك يېمەكلىكلەرنى كىرگۈزۈش، تازىلىق ئۆيى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش... بىر قاتار پۇختا، كونكرېت تەدبىرلەر ئارقىلىق تۇەنچېڭ تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. 2019 - يىلى سەككىز خاس پۇقراۋى قونالغۇ قۇرۇش ئاساسىدا، بۇ يىل تۇەنچېڭ يەنە داۋاملىق 14 خاس پۇقراۋى قونالغۇ قۇرۇپ چىقىدۇ.

  تۇەنچېڭ داڭلىق تارىخىي مەدەنىيەت شەھەرلىرىنى قوغداش يىرىك پىلانى بويىچە رايون بوشلۇق ئەندىزىسى، ئەنئەنىۋى كوچا ۋە ئۆزىگە خاس قىياپىتىنى قوغداپ، كوناشەھەرنىڭ ئەنئەنىۋى بىناكارلىق سەنئىتى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپلا قالماي، يەنە ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ