مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونىمىزدا دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2000دىن ئارتۇق كۆپەيدى

2020.06.30 17:32 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، مەركەز مالىيەسى ئاپتونوم رايونغا يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىيات تۈر مەبلىغى چۈشۈردى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 50 مىليون 850 مىڭ يۈەن دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى يۆلەش قاتارلىق يېڭى تىپتىكى يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.

  يېزا ئىگىلىك تارماقلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ بويىچە دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى 26 مىڭ 424كە يەتكەن. «2010 - يىلى پۈتۈن شىنجاڭدا ئاران 3652 ھەمكارلىق كوپىراتىپى بار ئىدى. يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان، ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2000دىن كۆپرەك كۆپەيدى. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەربىر كەنتتە ئىككىدىن ئۈچكىچە ھەمكارلىق كوپىراتىپى بار» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى يېزا ھەمكارلىق ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېتەكلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى شيەن ۋېنشىن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق ساھەسىدىن ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، تەدرىجىي ھالدا ئاشلىق، پاختا، ياغ ئىشلەپچىقىرىش، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى، ئۆسۈملۈك ئاسراش، ئەل ئىچى ھۈنەر - سەنئىتى، ساياھەت، ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك كەسىپ ھالىتى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، «ھەمكارلىق كوپىراتىپى +»نىڭ تارقىلىش يۈزلىنىشىنى نامايان قىلدى.

  شايار ناھىيەسىدىكى دېمىن تېرىقچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تىجارەت قىلىدىغان 15 مىڭ مو تېرىلغۇ يېرى بار. «ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى، بىر ئائىلىلىك دېھقاننىڭ ئۈچ مودىن بەش موغىچە يېرى بار بولۇپ، تېرىقچىلىق قىلىشتا كەتمەن، جوتو، كىچىك تۆت چاقلىق تىراكتورغا تايىناتتى. ھازىر سېيالكا، پاختا يىغىش ماشىنىسى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتمەكتە. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى ئاز دېگەندە %70 ئۆسۈپ، دېھقانلارنىڭ بىر مو يەردىن قىلىدىغان كىرىمىمۇ 300 - 200 يۈەندىن 700 - 600 يۈەنگە ئۆستى» دېدى بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ باش مۇدىرى ئوۋياڭ دېمىڭ.

  شيەن ۋېنشىن مۇنداق بىلدۈردى: بۈگۈنكى كۈندە، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇقىم يولغا ئايلاندى. بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى ئەزالىرىغا تەقسىم قىلىنغان ئوتتۇرىچە پايدا 1168 يۈەندىن ئېشىپ، ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغان دېھقانلارغا قارىغاندا ئومۇميۈزلۈك %20تىن كۆپرەك يۇقىرى بولدى.

  شيەن ۋېنشىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ سۈپىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرىدىكەن. «يېقىندا، ئاپتونوم رايوندىكى 11 تارماق ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تارقاتتى، بۇنىڭدىن كېيىن ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى <مىقدارنى ئاشۇرۇش>تىن <سۈپەتنى ئۆستۈرۈش>كە ئۆزگىرىدۇ» دېدى شيەن ۋېنشىن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز مەركەزنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەخسۇس تۈر مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ كۆلەملەشكەن بازا قۇرۇلۇشى، ماركېتىڭ سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سوغۇق ساقلاش زەنجىرى ئەشيا ئوبوروتى قۇرۇلۇشى، پىششىقلاش، ساقلاش - توشۇش ئەسلىھە ئۈسكۈنىلىرى قۇرۇلۇشى ھەمدە ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئەمەلىي گەۋدىلەشكەن تىجارەتنى قانات يايدۇرۇشىنى نۇقتىلىق قوللاپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرىدىكەن. دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى باشلامچىلىرىنى تەربىيەلەشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئۈلگىلىك كوپىراتىپ باشلامچىلىرىنى ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم نۆۋەت بىلەن تەربىيەلەيدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ