مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 92- قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئاچتى

2020.06.30 17:31 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 92 - قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئېچىپ، نىزام چىقىرىش ۋە ۋەكىللەر خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەھۋالىنى ئاڭلىدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئارخىپىنى باشقۇرۇش، 2020 - يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېچىۋېتىش كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش ئىشلىرى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شەۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يېقىندا بىر قىسىم ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، بىر قىسىم ئاساسىي قاتلام نىزام چىقىرىش ئالاقە نۇقتىلىرىنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىدە يۈكسىلىش بىرقەدەر تېز بولۇپ، نىزام چىقىرىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلگەن. بۇنىڭدىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، نىزام چىقىرىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچنى زىچ چۆرىدەپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، مەسىلىلەرنى توغرا تېپىپ، قاراتمىلىقى كۈچلۈك، ئۈنۈمى ياخشى بولغان تەدبىر - چارىلەرنى قوللىنىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىدا خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش توغرىسىدا كونكرېت تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ۋەكىللەر خىزمىتىگە يەنىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، قاراتمىلىقى بولغان تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئالاقىدار خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ۋەكىللەر خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشىنى باھالاش، تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئارخىپىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئارخىپىنى باشقۇرۇش چارىسى»نى تۈزدى. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش ۋە ئەمەلىي ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 7 - ئايدا 2020 - يىللىق ئېچىۋېتىش كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ. يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پائالىيەتكە قاتنىشىش دائىرىسى ۋە كىشىلەر توپىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، پائالىيەتنىڭ مەزمۇنى ۋە شەكلىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، پائالىيەتنىڭ سۈپىتى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. بۇ پائالىيەتنى خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى تەشۋىق قىلىدىغان سۇپىغا، خەلق ئاممىسى بىلەن ئالاقە باغلايدىغان رىشتىگە، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىنى نامايان قىلىدىغان كۆزنەككە ئايلاندۇرۇش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ