مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 93- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى

2020.06.30 17:30 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 93 - قېتىملىق دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا ئىستېمالنىڭ سىغىمىنى كېڭەيتىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كېرەكسىز قوغۇشۇنلۇق باتارېيەنى يىغىۋېلىش، يۆتكەپ توشۇش، بىر تەرەپ قىلىش بويىچە مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەر تەتقىق قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىش، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. تاۋار سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، خاس سۈپەتلىك ماركا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش سۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىمپورتنى پائال كېڭەيتىپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا پارچە سېتىش ئىمپورت سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، تاۋار تۈرلىرىنى موللاشتۇرۇپ، سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، خاس ساياھەت تەرەققىياتىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، مەدەنىيەت - ساياھەت ئىستېمالىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چېگرا سىرتىدىن كىرىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئىستېمال كۆلىمىنى كېڭەيتىش كېرەك. مەدەنىيەت - ساياھەت سۈپەتلىك ماركىسىنى تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاقىل ساياھەتنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، «بىر يان تېلېفون بىلەن شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» سۇپىسىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، كېڭەيتىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە ساياھەتچىلەر مەنبەسى بازىرى ماركېتىڭىنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت سەھنە ھازىرلاپ بېرىدىغان، كارخانا يېتەكچىلىك قىلىدىغان، تور ۋە تور سىرتى يۇغۇرۇلغان، ساياھەتچىلەر قاتنىشىپ ھەمتۈرتكە بولىدىغان ھەر تەرەپلىمە كېڭەيتىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. خاس ئىستېمال تورىنى زور كۈچ بىلەن قۇرۇپ، بىر تۈركۈم يەرلىك خاسلىق تولۇق گەۋدىلەنگەن بىر بېكەت شەكلىدىكى ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك ئىستېمال سۇپىسىنى بەرپا قىلىش، شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئېلېكتىرونلۇق سودىنى يېزىلارغا كىرگۈزۈش ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى قۇرۇلۇشىنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، يېزا تېز يوللانما مۇلازىمەت تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى كارخانىلىرىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. تېز يوللانما ئەشيا ئوبوروتى ئەسلىھەلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، ۋىلايەت، ئوبلاستلارنىڭ مەركىزىي شەھەرلىرىنىڭ ئاۋىياتسىيەسى، تاشيول - تۆمۈريول قۇرۇقلۇق تىرانسپورتى يىغىلىش - تارقىلىش مەركىزى ھەم ئوتتۇرا، كىچىك شەھەر - بازارلارنىڭ تېز يوللانمىنى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، «ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپلەر باغچىسى + ئەشيا ئوبوروتى باغچىسى»نىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات ئەندىزىسىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئەشيا ئوبوروتىدىكى ساقلاش - تەقسىملەش بىر گەۋدىلەشكەن مەشغۇلاتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. «ئەقلىي ئىقتىدار +» ئىستېمال ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، 5G تورى قاتارلىق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، تور ۋە تور سىرتى يۇغۇرۇلۇش قاتارلىق يېڭى ئىستېمال ئەندىزىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھام بېرىپ، يېشىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە يېشىل ئىستېمالغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. خاتىرجەم ئىستېمال مۇھىتىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىپ، بازار تەرتىپىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىستېمال ساھەسىنىڭ ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش يوللىرىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز قىلىدىغان قىلمىشلارنى قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: كېرەكسىز قوغۇشۇنلۇق باتارېيە ھەم قايتا ئىشلەپچىقىرىش - پايدىلىنىش قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بايلىق، ھەم «دۆلەتنىڭ خەتەرلىك تاشلاندۇقلار تىزىملىكى»دە بېكىتىلگەن خەتەرلىك تاشلاندۇق، جەزمەن دۆلەتنىڭ خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە يىغىۋېلىش، ساقلاش، يۆتكەپ توشۇش، بىر تەرەپ قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. كېرەكسىز قوغۇشۇنلۇق باتارېيەنى ھاسىل قىلغۇچى ئورۇنلارنى مەنبەدىن باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قانۇن تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، كېرەكسىز تاشلاندۇق ھاسىل قىلغۇچى ئورۇنلارنىڭ قېلىپلاشقان مۇھىت باشقۇرۇشىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كېرەكسىز قوغۇشۇنلۇق باتارېيەنى يىغىۋېلىش، يۆتكەپ توشۇش، بىر تەرەپ قىلىشنى مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، كېرەكسىز قوغۇشۇنلۇق باتارېيەنى مەركەزلىك يىغىۋېلىش ۋە رايون ھالقىپ يۆتكەپ توشۇش تۈزۈمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كېرەكسىز قوغۇشۇنلۇق باتارېيەنى يىغىۋېلىش، يۆتكەپ توشۇش، بىر تەرەپ قىلىش بازار تەرتىپىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بىخەتەرلىكى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ تەن ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ