مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى يىغىن ئاچتى

2020.06.30 17:30 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: قوماندانلىق ئىشتابى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان، بارلىق كادىرلار جەزمەن «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزلىرى ۋە مۇھىم يوليورۇقلىرى، تەستىقلىرىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپىگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاخىردىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچانلىق بىلەن دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھازىر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ بولۇپ، يۇقۇمنىڭ كىرىشى، قايتا كۆرۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بېسىمى ۋە خىرىسى ئاشتى. باشتىن - ئاخىر ئۇرۇش ۋاقتى ھالىتى، ئۇرۇش ۋاقتى تەپەككۇرىنى ساقلاپ، تۈرلۈك دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يوچۇقلارنى ئېتىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى قەتئىي مۇستەھكەملەش كېرەك. تەۋەلىك رايون پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «ئۈچ مۇداپىئە لىنىيەسى»نى قەتئىي ياخشى ساقلاپ، يۇقۇمنىڭ كىرىش خەۋپ - خەتىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش كېرەك. پورتلاردا دۆلەت دەرۋازىسىنى نۇقتىلىق ياخشى ساقلاپ، ئالتە يېپىق ھالقىسىمان باشقۇرۇش، تىزگىنلەش تەدبىرىنىڭ %100 جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شىنجاڭغا كىرىش دەرۋازىسىنى ياخشى ساقلاپ، يۇقۇمنى تەھلىل قىلىش، تەتقىق قىلىش - ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا تەڭشەش كېرەك. ئورۇن، مەھەللە، قورۇ دەرۋازىلىرىنى ياخشى باشقۇرۇپ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ پولات سېپىلىنى مۇستەھكەم قۇرۇش كېرەك. نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەپ، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش دائىرىسىنى پائال كېڭەيتىپ، تەكشۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، «تەكشۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تەكشۈرۈش» «تەكشۈرتۈشنى خالايدىغانلارنى تولۇق تەكشۈرۈش»كە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نۇقتىلىق ئورۇن، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى ياخشى تۇتۇپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ قاراۋۇلخانىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، بازارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تېخنىكا كۆرسەتمىسىدىكى تەلەپلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋاقتىدا بايقاش، تېز بىرتەرەپ قىلىش، دەل جايىدا باشقۇرۇش - تىزگىنلەش، ئۈنۈملۈك قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ مەھسۇلاتنى كۆزلىمە نىشانغا يەتكۈزۈشى، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان توسۇق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا ئەڭ زور چەكتە ياردەم بېرىپ، يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان تۈرلەردە ئىش باشلاشنى ۋە زاپاس تۈرلەرنى ئايلاندۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى قاتتىق ياخشى تۇتۇپ، «يازنىڭ ئۈچ ئىشى»دىكى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش - سېتىشنى جىپسىلاشتۇرۇش ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، سۇغىرىشقا كاپالەتلىك قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش، تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش ۋە بەخت قورۇلىرىنى ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا كاپالەتلىك قىلىش، يازلىق تەتىللىك توشۇشنى نۇقتىدىن نۇقتىغا ئۇدۇللاشتۇرۇش، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى يازلىق تەتىل مەزگىلىدىكى باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئەتراپلىق، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ «بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلىش، ئومۇميۈزلۈك قاپلاش، تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈش»، ئىخچاملاش خىزمەت ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى دەرىجىمۇ دەرىجە چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، نازارەت قىلىش، ھەيدەكچىلىك قىلىپ بېجىرىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىستىلنى تاۋلاپ، چوڭ ئۇرۇش، چوڭ سىناقلاردا مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشنى نامايان قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ۋاڭ مىڭشەن، مەڭلىك سىيىت، ليۇ جيەنشىن، ۋەن خەيچۇەن، ياڭ يۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ