مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۇەنۋۇلۇق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئىستېمال بازىرى جانلاندى

2020.06.30 17:27 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى خېي خۇڭۋېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل دۇەنۋۇلۇق قىسقا دەم ئېلىش مەزگىلىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىستېمال بۇيۇملىرى بازىرىدا ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم ئايلىنىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن، ھەر خىل تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى تەمىناتى يېتەرلىك بولغان، ھەرقايسى جايلاردىكى بايراملىق بازارلاردا تاۋارلار مول، مال مەنبەسى تولۇق، باھا مۇقىم، ئىستېمال جانلىق بولغان.

  ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ قېزىپ، ئىستېمال ئىستىكىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، بايرام مەزگىلىدە پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سودىغا مەسئۇل تارماقلار ۋە ئوبوروت كارخانىلىرى ئىش تەقسىماتى بويىچە مەسئۇل بولۇپ، سۈپىتى ياخشى، باھاسى ئەرزان تاۋارلارنى مەركەزلىك بازارغا سېلىشقا تەشكىللەپ، ئاممىنىڭ بايراملىق ئىستېمال ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

  6- ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى دوستلۇق بەيشېڭ مال سېتىۋېلىش مەركىزى تاللا بازىرىنىڭ پۇل يىغىش رايونىدا، خېرىدارلار پۇل تۆلەشنى تەرتىپلىك كۈتمەكتە ئىدى، «بايرام مەزگىلىدە پائالىيەت سالمىقى بىرقەدەر چوڭ بوپتۇ، بۈگۈنكى 50 يۈەنگە توشسا 10 يۈەن سوۋغا قىلىش بىرقەدەر ئەرزان توختايدىكەن.» شۇ كۈنى شەھەر ئاھالىسى جياڭ شياۋچۈەن كۈندىلىك بۇيۇملارنى سېتىۋالدى.

  شىنجاڭ دوستلۇق بەيشېڭ سودا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تاۋار بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى لى يۈ مۇنداق تونۇشتۇردى: دۇەنۋۇلۇق قىسقا دەم ئېلىشنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، دوستلۇق بەيشېڭ مال سېتىۋېلىش مەركىزىمۇ سودا سارايدىكى كىيىم - كېچەك، گىرىم بۇيۇم، ئۈنچە - مەرۋايىت قاتارلىق تاۋارلارنى ئېتىبار باھادا %70 − %58كە چۈشۈردى.

  ھەر خىل زۇڭزا مەھسۇلاتلىرى ناھايىتى ياخشى سېتىلدى. دۇەنۋۇ بايرىمى مەزگىلىدە، ھەرقايسى چوڭ تاللا بازارلىرىدا زۇڭزا مەخسۇس پوكىيى تەسىس قىلىنىپ، گۆش زۇڭزىسى، خوتۈي زۇڭزىسى، خورما زۇڭزىسى، تۇخۇم سېرىقى زۇڭزىسى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك زۇڭزىلار ئىستېمالچىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. ئەر - ئاياللارنىڭ كىيىم - كېچەكلىرى، لياڭشيې، قارا كۆزەينەك، قۇياش قالپىقى، ئاپتاپتىن ساقلىنىش مېيى ۋە ئىچىملىك سۇ ماشىنىسى، ھاۋا تەڭشىگۈچ قاتارلىقلارمۇ بازىرى ئىتتىك تاۋارلارغا ئايلاندى.

  قىسقا دەم ئېلىش مەزگىلىدە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بايرام كەيپىياتى قويۇق بولدى، ئىستېمال ئېھتىياجى ئاشتى. ھەرقايسى چوڭ سودا ساراي، تاللا بازىرى، مەخسۇس سېتىش دۇكىنى، زەنجىرسىمان دۇكان قاتارلىقلاردا تاۋارلارنىڭ مال مەنبەسى تولۇق بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىستېمال بېلىتى تارقىتىش، كۆرگەزمە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش، باھانى چۈشۈرۈپ پايدىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش قاتارلىق سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرۇلدى.

  6- ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن 27 - كۈنىگىچە، قاراماي شەھىرىدىكى خېجيالې مال سېتىۋېلىش مەيدانى مەيدان ئېچىلغانلىقىنىڭ تۆت يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى يولغا قويدى، جەمئىي 10 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان ئېلېكتىرونلۇق ئىستېمال بېلىتى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئىستېمالىنى قوزغىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دوۋيىن، كۇەيشوۋ قاتارلىق تور تاراتقۇلىرىدا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇردى، يەنە كېچىلىك پائالىيەتلەر يولغا قويۇلۇپ، كېچىلىك ئىستېمال كەسىپ ھالىتى يەنىمۇ بېيىتىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل كىشىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، دۇەنۋۇلۇق قىسقا دەم ئېلىشتىن قارىغاندا، ھەرقايسى جايلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە، سىرتقا چىقىپ مال سېتىۋېلىش، يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ساياھەت قىلىش قىزغىنلىقى تۆۋەنلىمىگەن، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى ئىقتىسادىنىڭ تەدرىجىي ئەسلىگە كەلگەنلىكى، ئىستېمال بۇيۇملىرى بازىرىنىڭ ئايلىنىشىنىڭ تەكشى، مۇقىم بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ