مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايون تۇنجى تۈركۈمدىكى سەككىز كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا تەتقىقات مەركىزىنى بېكىتتى

2020.06.30 17:27 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقىتىپ، «شىنجاڭ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىرى كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا تەتقىقات مەركىزى» قاتارلىق سەككىز مەركەزنى ئاپتونوم رايون بويىچە 1 - تۈركۈمدىكى كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا تەتقىقات مەركىزى دەپ بېكىتتى. قۇرۇش - يۈرۈشتۈرۈش مۇددىتى ئۈچ يىل بولۇپ، مۇددەت توشۇپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىلىدۇ.

  ئاپتونوم رايون بويىچە بېكىتىلگەن بۇ سەككىز كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا تەتقىقات مەركىزى شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانىغا تايىنىپ قۇرۇلىدىغان شىنجاڭ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىرى كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا تەتقىقات مەركىزى، شىنجاڭ سۆڭەك كېسەللىرى كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا تەتقىقات مەركىزى، شىنجاڭ قاپلىق قۇرت ۋە جىگەر - ئۆت كېسەللىرى كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا تەتقىقات مەركىزى، شىنجاڭ نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىرى كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا تەتقىقات مەركىزى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا تايىنىپ قۇرۇلىدىغان شىنجاڭ يۇقىرى قان بېسىم(يۈرەك - مېڭە قان تومۇر)ى كېسەللىرى كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا تەتقىقات مەركىزى، شىنجاڭ بۆرەك كېسەللىرى كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا تەتقىقات مەركىزى، قەشقەر ۋىلايەتلىك 1 - خەلق دوختۇرخانىسىغا تايىنىپ قۇرۇلىدىغان شىنجاڭ يۇقۇملۇق كېسەللەر(تۇبېركۇليۇز كېسىلى) كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا تەتقىقات مەركىزى، قاراماي شەھەرلىك مەركىزىي دوختۇرخانىغا تايىنىپ قۇرۇلىدىغان شىنجاڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسى ئۆسمىسىنى دەل جايىدا داۋالاش كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا تەتقىقات مەركىزىدۇر.

  ئىگىلىنىشىچە، «دۆلەت كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا تەتقىقات مەركىزىنىڭ بەش يىللىق(2017 - يىلىدىن 2021 - يىلىغىچە) تەرەققىيات يىرىك پىلانى» ۋە «<ساغلام شىنجاڭ 2030> يىرىك پىلان پىروگراممىسى»نى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مېدىتسىنا پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، 2019 - يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا تەتقىقات مەركىزى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى باشلىغان.

  كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا تەتقىقات مەركىزى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ئېھتىياجىغا يۈزلەنگەن بولۇپ، كىلىنىكىدا قوللىنىشنى يېتەكچى قىلىپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى ئاساسىي گەۋدە قىلىپ، توردا ماسلاشتۇرۇشنى تىرەك قىلىپ، كىلىنىكىلىق تەتقىقات، ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش، ئىلىم ئالماشتۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش، كېڭەيتىپ قوللىنىشتىن ئىبارەت تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش تۈرىدىكى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بازىسىنى قانات يايدۇرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ