مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش شىنجاڭنى تولۇق قاپلىدى

2020.06.30 17:25 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  ئائىلىسى نامرات ئوقۇغۇچىلارنى ئادىل مائارىپ پۇرسىتىدىن تولۇق بەھرىمەن قىلىپ، نامراتلىقنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشىنى توسۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ «مۇكاپاتلاش، ياردەم پۇلى بېرىش، قەرز بېرىش، تىرىشىپ ئىشلەش، ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش، كەچۈرۈم قىلىش»تىن ئىبارەت كۆپ بىر گەۋدىلەشكەن ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىياسىتى ئارقىلىق، تۈزۈم جەھەتتە «بىرمۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلىسىدىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشسىز قالماسلىقى»غا كاپالەتلىك قىلدى.

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلغان، مەكتەپ ۋە جەمئىيەت پائال قاتناشقان، يەسلى مائارىپىدىن ئاسپىرانتلار مائارىپىغىچە قاپلىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىياسەت سىستېمىسىنى ئورناتقان.

  يەسلى مائارىپى باسقۇچىدا، شىنجاڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا-كەنتلىرى (ناھىيە بازىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دە ئوقۇش يېشىغا توشمىغان ئۈچ يىللىق يەسلى ئوقۇغۇچىلىرىغا يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2800 يۈەندىن خىراجەت كاپالىتى بەرگەن؛ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا، «ئىككى كەچۈرۈم، بىر ياردەم» سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇش پارچە خىراجىتى ۋە دەرسلىك كىتاب خىراجىتىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بەرگەن.

  تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا، شىنجاڭ «ئۈچ كەچۈرۈم، بىر ياردەم» سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پارچە خىراجىتى، ياتاق پۇلى، ئوقۇتۇش ماتېرىيالى پۇلىنى كەچۈرۈم قىلغان ھەم دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى بەرگەن؛ ئالىي مائارىپ باسقۇچىدا، «مۇكاپاتلاش، ياردەم پۇلى بېرىش، قەرز بېرىش، تىرىشىپ ئىشلەش، ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش، كەچۈرۈم قىلىش»تىن ئىبارەت كۆپ بىر گەۋدىلەشكەن ياردەم بېرىش سىياسىتى ئارقىلىق، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوڭۇشلۇق ئوقۇشقا كىرىشىگە ۋە ئوقۇشنى تاماملىشىغا كاپالەتلىك قىلغان؛ ئاسپىرانتلىق مائارىپى باسقۇچىدا، ماگىستىر ئاسپىرانتلار ئەڭ كۆپ بولغاندا 29 مىڭ 500 يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن قىلىنغان، دوكتور ئاسپىرانتلار ئەڭ كۆپ بولغاندا 49 مىڭ 500 يۈەن دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن قىلىنغان.

  بۇلتۇر كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، شىنجاڭ يەنە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن ئوقۇغۇچىلار، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار مېيىپ ئوقۇغۇچىلار، يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەردىكى ئوقۇغۇچىلار، يېزىلاردىكى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار قۇتقۇزۇلىدىغان-ياردەم بېرىلىدىغان، بېقىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق تۆت تۈرلۈك ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار، ياتاقتا ياتمايدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تۇرمۇش ياردەم پۇلى دائىرىسىگە كىرگۈزگەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ