مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بوران، ھۆل-يېغىنلىق ھاۋا رايىنىڭ تەسىرىدە بىر قىسىم پويىز ۋاقىتلىق توختىتىلدى، مايتاغ-كۇچا تاشيولى تاقالدى

2020.06.30 17:24 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  6-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئۇدا داۋاملاشقان بوران، ھۆل-يېغىنلىق ھاۋا رايى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قاتنىشىغا تەسىر كۆرسەتتى، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولىدىكى قىسمەن يولۇچىلار پويىزلىرى ۋاقتىنچە قاتناشتىن توختىتىلدى، مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا قاتناش توختىتىلدى.

  6-ئاينىڭ 29-كۈنى، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ تۇرپاندىن جېنجۇچۈەن رايونىغىچە بولغان بۆلىكىدە بورانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلدى، كورلىدىن ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان C8104 قېتىملىق يولۇچىلار پويىزى، ئۈرۈمچىدىن كورلىغا قاتنايدىغان C8102 قېتىملىق يولۇچىلار پويىزى، ئۈرۈمچىدىن كورلىغا قاتنايدىغان C8110 قېتىملىق يولۇچىلار پويىزى، كورلىدىن ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان C8112 قېتىملىق يولۇچىلار پويىزى ۋاقىتلىق توختىتىلدى، شۇ كۈنى سائەت 19:00دە مۇخبىر خەۋەر تارقاتقانغا قەدەر، ۋاقىتلىق توختىتىلغان پويىزلارنىڭ قاتنىشى تېخى ئەسلىگە كەلمىدى.

  ناچار ھاۋا رايىغا قارىتا، شىنجاڭ تۆمۈر يول تارماقلىرى ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ياخشى ئىشلەپ، بارلىق يولۇچىلار ئاپتوبۇسى يولى، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈشتىكى ھالقىلىق ئورۇن، نۇقتىلىق بۆلەك، ئاجىز ھالقىلارنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش، تۈزەش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، كەلكۈن مەزگىلىدىكى تۆمۈر يول بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلدى.

  بۇ قېتىمقى ھاۋا رايى جەريانىدا مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ تاغلىق رايون يول بۆلىكىدە تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىدى، قىسمەن يول بۆلەكلىرىدە تۇيۇقسىز قېلىن قار يېغىپ، قارنىڭ قېلىنلىقى 35 سانتىمېتىرغا، ئەڭ چوڭقۇر يېرى 45 سانتىمېتىرغا يەتتى، قىسمەن يول بۆلەكلىرىدە گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش، لاتقا-شېغىللىق ئېقىن يۈز بەردى. شۇ جايدىكى قاتناش ساقچى تارماقلىرى بۇ يول بۆلىكىدە قاتناشنى باشقۇردى، قاتناش باشلاش ۋاقتى بېكىتىلمىدى.

  كۈيتۇن تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مايتاغ شۆبە ئىدارىسى دەرھال جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى قوزغىتىپ، يۈك قاچىلاش ماشىنىسى، يول سۈپۈرۈش ماشىنىسى قاتارلىق ئاپتوموبىل ۋە خەتەردىن قۇتقۇزۇپ، قاتناشقا كاپالەتلىك قىلىش خادىملىرىنى ئەۋەتىپ، ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە يولدىكى قارلارنى تازىلاش خىزمىتىنى دەرھال قانات يايدۇردى.

  تاشيول قاتناش-تىرانسپورت تارماقلىرى كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش قوماندانلىق مېخانىزمى ۋە كېڭىشىپ تەھلىل قىلىپ ھۆكۈم قىلىش مېخانىزمىنى ۋاقتىدا يولغا قويۇپ، تاشيول، كۆۋرۈك، تونېل قاتارلىق مۇھىم قاتناش ئەسلىھەلىرى ۋە نۇقتىلىق ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش ماددىي ئەشيالىرىنى تولۇق تەييارلاپ، دۆلەت، ئۆلكە غول لىنىيە تاشيولىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ