مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جىڭ ناھىيەسى: قۇم دېڭىزى ئۈجمىلىككە ئايلاندى

2020.06.30 17:22 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  جىڭ ناھىيەسىنىڭ ئۇلان دانداغاي قۇملۇقىدىكى 20 مىڭ مو ئۈجمە قۇملۇققا يېشىللىق ئاتا قىلىپلا قالماي، يەنە شۇ جايدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ «تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخ»ىگە ئايلاندى.

  6-ئاي كىرىشى بىلەن، ئۇلان دانداغاي قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىدە، جىنساڭۋەن بىيو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى تېرىغان 20 مىڭ مو ئۈجمە ئۈزۈش مەزگىلىگە كىردى. ئەلى كامال بىلەن خوتۇنى بۇ يەرنىڭ كونا خىزمەتچىسى بولۇپ، بۇ يەردە ئىشلەۋاتقىنىغا سەككىز يىل بولغانىدى، ئۇ يېڭى كەلگەن چاغدىكى مەنزىرىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «يېڭى كەلگەندە، ھەر يىلى ئەتىيازدا بوران چىقىپ، ھەممە يەرنى قۇم بېسىپ كېتەتتى، يولدا ماڭساق كۆزىمىزنى ئاچالمايتتۇق، قۇملار ئۇرۇلۇپ يۈزىمىزنى ئاغرىتىۋېتەتتى. ھازىر مۇھىت بارغانسېرى ياخشىلاندى، ھاۋا ساپلاشتى، يازدىمۇ بەك قۇرۇق ئىسسىق بولۇپ كەتمەيدىغان بولدى.»

  جىڭ ناھىيەسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەشتىكى نۇقتىلىق ناھىيەلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇلان دانداغاي قۇملۇقىنى تىزگىنلەش يېڭى ئۇسۇلى ئۈستىدە پائال ئىزدەندى. 2013-يىلى بۇ ناھىيە سودىگەر چاقىرىش ئارقىلىق جىنساڭۋەن بىيو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى كىرگۈزدى، بىر قاتار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن، بۇ كارخانا قۇملۇقتا ئۈجمە ئۆستۈرۈشكە باشلىدى.

  قۇملۇقنىڭ مۇھىتى ناچار بولغاچقا، كۆچەت تىكىش ئاسان ئەمەس ئىدى. جىنساڭۋەن بىيو پەنـتېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ليۇ جىفا كوللېكتىپنى باشلاپ، ئۈجمە تىكىش ئۈستىدە ئىزدەندى. نەچچە يىل ئىزدىنىش ئارقىلىق، ئۈجمە ئۆستۈرۈش كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، كارخانا ئۈجمە يوپۇرمىقى، ئۈجمىلەرنى چۆرىدەپ مەھسۇلاتنى ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەشكە باشلىدى.

  قۇم دېڭىزى ئۈجمىلىككە ئايلاندى، ئۈجمىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تىكىلىشى ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىپلا قالماي، ئۇلان دانداغاي قۇملۇقىنىمۇ بوستانلىققا ئايلاندۇردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ