مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى قاتتىق يامغۇردىن سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى

2020.06.30 17:20 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  6-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 09:48 ئۆتكەندە، شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى قاتتىق يامغۇردىن كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ قاتتىق يامغۇردىن سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى: 6-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 20:00دىن 6-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 09:00غىچە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىي قىسمى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايون، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايوندىكى 51 پونكىتتا قاتتىق يامغۇر يېغىپ، ئۈچ پونكىتتا قارا يامغۇر ياغقان، ئەڭ چوڭ ھۆل-يېغىن مەركىزى كۈنەس ناھىيەسى ئالمالى پونكىتىدا كۆرۈلۈپ، ھۆل-يېغىن مىقدارى 61.5 مىللىمېتىرغا يەتكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، 6-ئاينىڭ 29-كۈنى كۈندۈزدە، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان رايونلار ۋە شىخەنزە شەھىرىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايون، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تاغلىق رايون، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تاغلىق رايون، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايون قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن، كەلكۈن، تاغ گەۋدىسى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش قاتارلىق گېئولوگىيەلىك ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىش زۆرۈر.

  سەمىمىي ئەسكەرتىش: يوللارغا سۇ يىغىلىپ قالغان ئەھۋال ئاستىدا، پىيادىلەر خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ بۇ يول بۆلىكىدىن ئۆتمەسلىكى، ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ