كۈندىلىك خاتىرىدىكى سادىقلىق

− مەمەت ناسىر قالدۇرغان كۈندىلىك خاتىرىدىن بىر ئۇيغۇر قىزىل ئائىلىسىنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى ئىزدەش

2020.06.29 17:13 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: چىمەنگۈل ئەنۋەر (سولدىن بىر) دادىسى ئەنۋەر مەمەت (ئوڭدىن بىرىنچى) ۋە مومىسى بىلەن بىرلىكتە، بوۋىسى مەمەت ناسىر قالدۇرغان كۈندىلىك خاتىرىنى كۆرمەكتە (2019-يىلى 9- ئاينىڭ 9-كۈنى تارتىلغان).

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «1-ئىيۇل» ھارپىسىدا، مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى ئىلغار شەخس، قۇرۇقلۇق ئارمىيە چېگرا-دېڭىز مۇداپىئەسى شۆيۈەنى ئۈرۈمچى مەكتەپ رايونىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى چىمەنگۈل ئەنۋەر بوۋىسى مەمەت ناسىرنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىنى ئېچىپ، ئەمدىلا جۇڭگو پىيونېرلار ئەترىتىگە كىرگەن قىزىغا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرۇش ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى.

  ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە يېزىلغان جەمئىي 100 مىڭ خەتتىن ئارتۇق كېلىدىغان بۇ 11 پارچە كۈندىلىك خاتىرىدە 1959-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە شىنجاڭ جەمئىيىتىدىكى 30 نەچچە يىللىق تەرەققىيات جەريانى ئەينەن خاتىرىلەنگەن. بۇ كونا جەمئىيەتتىن چىققان نامرات «ئوغۇلبالا»نىڭ قەتئىي پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭغان قەلب خاتىرىسى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پارتىيەگە، خەلققە سادىق بولغانلىقىنىڭ ھەقىقىي كارتىنىسى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ