مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

2019-يىللىق شەخسلەر بېجى ئۇنىۋېرسال تاپاۋەت بېجىنى جەملەپ ھېسابلاش يېقىندا ئاخىرلىشىدۇ

2020.06.29 13:55 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  2019-يىللىق شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ئۇنىۋېرسال تاپاۋىتىنى جەملەپ ھېسابلاش بۇ يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە بولىدۇ. بۇ، ئېلىمىزنىڭ باج تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق جەملەپ ھېسابلاش ھېسابلىنىدۇ. باج تاپشۇرغۇچى 6-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى جەملەپ ھېسابلاشنى مەلۇم قىلىپ، باجنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇش ياكى باج قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

  «ئومۇمەن ئۇنىۋېرسال تاپاۋىتىنىڭ يىللىق كىرىمى 120 مىڭ يۈەندىن ئاشقان ھەمدە يىللىق جەملەپ ھېسابلانغان تولۇقلىما باج سوممىسى 400 يۈەندىن ئاشقانلارنىڭ ھەممىسى چوقۇم جەملەپ ھېسابلاش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك؛ قايتۇرۇلىدىغان باج سوممىسىنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتىينەزەر، باج قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى يىغىپ ھېسابلاشنى ئىلتىماس قىلىشنىڭ يادروسى باجنى قانۇن بويىچە تولۇقلاپ تاپشۇرۇش ياكى باج قايتۇرۇشتىن بەھرىمەن بولۇشتۇر، قانۇن بويىچە باج تاپشۇرۇش مەجبۇرىيەت، قايتۇرۇلغان باجدىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقتۇر» دېدى شىنجاڭ باج ئىدارىسى شەخسلەر تاپاۋەت بېجى باشقارمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ