مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قاغىلىقنىڭ چېگرا كەنتلىرى چوڭ تور توكى ئىشلىتەلەيدىغان بولدى

2020.06.29 13:49 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونىمىز نۇر ئېنېرگىيە مەمۇرىي كەنتلىرىگە چوڭ تور توكى يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتى

  قاغىلىقنىڭ چېگرا كەنتلىرى چوڭ تور توكى ئىشلىتەلەيدىغان بولدى

  شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چېن چياڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتە، قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ شىخىشۇ يېزىسى شىخىشۇ كەنتىدىكى 423 ئائىلىلىك دېھقان - چارۋىچى دۇەنۋۇ بايرىمىلىق ئالاھىدە بىر سوۋغات تاپشۇرۇۋالدى. بۇ كۈنى، شىخىشۇ يېزىسىدا نۇر ئېنېرگىيە مەمۇرىي كەنتىگە چوڭ تور توكى يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، ناھىيە بازىرىغا تەخمىنەن 180 كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ چېگرا كەنت بىخەتەر، ئىشەنچلىك چوڭ تور توكى ئىشلىتەلەيدىغان بولدى.

  شىخىشۇ يېزىسى قاراقۇرۇم تېغىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2980 مېتىرچە بولۇپ، قاغىلىق ناھىيەسىدىكى ئورنى ئەڭ چەت، تەبىئىي مۇھىتى ئەڭ ناچار بولغان چېگرا يېزىسى ھېسابلىنىدۇ. 2019 - يىلى، ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇشى − 592 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، 1535 ئائىلىلىك دېھقان - چارۋىچىغا نەپ يەتكۈزىدىغان 11 نۇر ئېنېرگىيە مەمۇرىي كەنتىگە چوڭ تور توكى يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى قوزغىتىلدى، شىخىشۇ يېزىسىنىڭ نۇر ئېنېرگىيە مەمۇرىي كەنتىگە چوڭ تور توكى يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى دەل شۇلارنىڭ بىرى. بۇ قۇرۇلۇش 2019 - يىلى باشلانغان بولۇپ، جەمئىي 290 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى، يېڭىدىن 130 كىلومېتىرلىق لىنىيە ياسىلىپ، 110 ۋولتلۇق تىرانسفورموتور پونكىتىدىن بىرى، 35 كىلوۋولتلۇق تىرانسفورموتور پونكىتىدىن بىرى يېڭىدىن قۇرۇلدى، توك تەقسىملەش تىرانسفورموتورىدىن سەككىزى يېڭىدىن كۆپەيتىلدى، بۇ قۇرۇلۇشتا دېڭىز يۈزىدىن 3000 نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئاقاز داۋىنىدىن ھالقىپ ئۆتۈشكە توغرا كەلدى، قۇرۇلۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى زور بولدى، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق كەنتتىكى 423 ئائىلىدىكى 1897 دېھقان - چارۋىچىغا نەپ يەتكۈزدى.

  توك يەتكۈزۈش مۇراسىمى نەق مەيدانىدا، سىم - سىم يامغۇر دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ قىزغىنلىقىنى توسۇپ قالالمىدى، چارۋىچى ئاققىز پەيزىئەمەت ھاياجانلانغان ھالدا مۇزىكىغا ئەگىشىپ لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشتى. «بۈگۈن چۈشتە ئۆيۈمگە كېلىڭ، مەن توك قازىنىدا سىزگە تاماق ئېتىپ بېرىمەن» دېدى ئاققىز خۇشال ھالدا مۇخبىرغا.

  بىر يىل ئىلگىرى، ئاققىز توك قازىنى سېتىۋېلىپ ناشتىلىق تەييارلىماقچى بولغانىدى. ئويلىمىغان يەردىن نۇر ئېنېرگىيە توكىنىڭ بېسىمى تۆۋەن بولغاچقا، توك قازىنىنى ئىشلەتكىلى بولمىدى، ئاققىز ئامالسىز قايتىدىن كۆمۈر قالاپ ئوچاقتا تاماق ئەتتى.

  «ھاۋا ياخشى چاغدا، نۇر ئېنېرگىيە توكى بىلەن تېلېۋىزور كۆرۈش، يورۇتۇشتا مەسىلە يوق، ئەمما قىش كېلىشى بىلەنلا ياكى تۇتۇق يامغۇرلۇق ھاۋا رايىدا ئاسانلا توك يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. چوڭ تور توكى يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن، مەن سېتىۋالغان ئېلېكتىر سايمانلىرىنى نورمال ئىشلەتكىلى بولىدىغان بولدى» دېدى ئاققىز.

  بۇ قۇرۇلۇش ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، شۇ جايدىكى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتىكى توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماي، يەنە كەسىپ تەرەققىياتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئېنېرگىيە كاپالىتى بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ.

  «چوڭ تور توكى يەتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، بىر كارخانا مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ، كەنتتە سويۇش، ئىنچىكە پىششىقلاش بىر گەۋدىلەشكەن گۆش پىششىقلاش كارخانىسى قۇرماقچى بولدى، بۇ يېزىمىزنىڭ باقمىچىلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ» دېدى شىخىشۇ يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى يۈن.

  «نۆۋەتتە، بىز ئون نۇر ئېنېرگىيە مەمۇرىي كەنتىگە توك يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى تاماملىدۇق، بۇ، كەنتلەرنىڭ ئېلېكتىر تورى يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتا توك ئىشلىتىشىنى ئومۇميۈزلۈك قاندۇرىدۇ» دېدى دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن باش دىرېكتور شۈ جيەنجۇڭ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ