مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ساياھەت قونالغۇ مەخسۇس مەيدان توردا تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2020.06.29 13:47 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەت ئىختىساسلىقلىرى ئالماشتۇرۇش سۇپىسى قۇرۇپ، ساياھەتكە ئالاقىدار كەسىپلەرنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ بالدۇرراق ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، «10 مىليون ئىش ئورنىغا توردا تەكلىپ قىلىش 100 كۈنلۈك مەخسۇس ھەرىكىتى» شىنجاڭ شۆبە يىغىن مەيدانى ساياھەت قونالغۇ مەخسۇس مەيدان توردا تەكلىپ قىلىش يىغىنى 6 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىن 30 - كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  بۇ قېتىمقى تەكلىپ قىلىش يىغىنىنى ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى ئۆتكۈزگەن، جەمئىي 200 نەچچە كارخانا، كەسپىي ئورۇن يىغىنغا قاتناشقان بولۇپ، 570تىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدۇ، تەكلىپ قىلىدىغان ئادەم سانى 1500دىن ئاشىدۇ. تەكلىپ قىلىدىغان ئورۇنلار ئاساسلىقى ساياھەت مەنزىرە رايونى، ساياھەت تىجارىتى، قونالغۇ، يېمەك - ئىچمەك، خاس مەھسۇلاتلارنى سېتىش قاتارلىق ساياھەت مۇلازىمىتى، ساياھەت - مەدەنىيەت كارخانىلىرىغا چېتىلىدۇ. تەكلىپ قىلىنىدىغان ئىش ئورۇنلىرىدىن ئاساسلىقى مەھسۇلاتلارنى پىلانلاش - تەڭشەش، ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش، ساياھەت كاسسىرى، ساياھەت مەسلىھەتچىسى، خېرىدارلار دىرېكتورى، توردا كېڭەيتىش باشقۇرغۇچىسى، ياتاق مۇلازىمەتچىسى، مېھمان كۈتكۈچى، ئىچكى لاۋازىم، سېتىش خادىمى قاتارلىقلار بار.

  «بىز مەدەنىيەت - ساياھەت تارماقلىرى، ساياھەت شىركەتلىرى ھەم ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، ئىش ئورنى ئۇچۇرلىرىنى كەڭ قېزىپ، توپلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ساياھەتكە ئالاقىدار كەسىپلىرىنى پۈتكۈزگەنلەرنى دەل جايىدا تونۇشتۇرۇپ ھەم كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق جەمئىيەتكە ئېلان قىلىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى.

  10 مىليون ئىش ئورنىغا توردا تەكلىپ قىلىش 100 كۈنلۈك مەخسۇس ھەرىكىتىنى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى تەشەببۇس قىلغان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى بىلەن بىرلىشىپ، 100 كۈن ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ 10 مىليوندىن ئارتۇق ئىش ئورنى ئۇچۇرىنى مەركەزلىك يوللاپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 6 - ئاينىڭ 23 - كۈنىگىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 11 مىڭدىن ئارتۇق ئورۇن توردا تەكلىپ قىلىش مەخسۇس ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، 100 مىڭدىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىگەن، 97 مىڭ ئادەم قېتىم خىزمەت ئىزدىگەن.

  ھەرقايسى تەكلىپ قىلغۇچى ئورۇنلار ھەم خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر جۇڭگو شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار تورى (www.xjrc365.com)غا چىقىپ ياكى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرى ئۈندىدار ئاممىۋى نومۇرى (شىنجاڭ 365 ئىختىساسلىقلار تورى)غا كىرىپ تىزىملىتىپ، تەكلىپ قىلىش ياكى خىزمەت ئىزدەشكە قاتناشسا بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ