مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونىمىز كۆپ تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇشنى ھەل قىلدى

2020.06.29 13:46 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  سۇپا ھازىرلاش كۈچلۈك كېپىللىك قىلىش يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىش

  ئاپتونوم رايونىمىز كۆپ تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇشنى ھەل قىلدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېي خەۋەر قىلىدۇ: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش سۇپىسى بەرپا قىلىش، كېپىللىكنىڭ قوزغىتىش رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ئاز سوممىلىق قەرز پۇل بېرىش شىركەتلىرىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىن تۇتۇش قىلىپ، ئاز سوممىلىق قەرز پۇل، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىكى، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىجارىچىلىكى، گۆرۈ قاتارلىق يەرلىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇشنى ھەقىقىي ھەل قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى تەشكىللەپ تەتقىق قىلىپ ئاچقان شىنجاڭ ھۆكۈمەت - بانكا - كارخانا پۇل مۇئامىلە ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت تاللا بازىرى پات يېقىندا رەسمىي تورغا چىقىرىلىدۇ. «بۇ سۇپىغا بانكا كەسپىدىكى تۈرلۈك قەرز پۇل مەھسۇلاتلىرى ھەم ئىجازەت بوسۇغىسى، بېجىرىش تەرتىپى قاتارلىق ئۇچۇرلار كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، تۈرلۈك كارخانىلار سۇپىغا چىقىپ، ئۆزى ئېھتىياجلىق پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز ئالدىغا ئىزدىسە بولىدۇ، سىستېما كارخانىلارغا ماس كېلىدىغان پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىنى ئاپتوماتىك ماسلاشتۇرۇپ، بانكا بىلەن كارخانا ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇر ماس كەلمەسلىك مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنىڭ ئاسان بولۇشچانلىقىنى ئۆستۈرىدۇ» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى پۇل مۇئامىلىنى مۇقىملاشتۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى فۇ يۇڭچياڭ.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسىغا ماسلىشىپ، 300 مىليارد يۈەن مەخسۇس تەكرار قەرز پۇل، 500 مىليارد يۈەن تەكرار قەرز پۇل، تەكرار دىسكونت ۋە يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن 1 تىرىليون يۈەن تەكرار قەرز پۇل، تەكرار دىسكونت مەخسۇس ئىشلىتىش نورمىسى سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى كىرېدىت تارقىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق، پۇقراۋى ۋە كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى قوللاشقا يېتەكلىدى. 5 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى جەمئىي 273 مىليارد 111 مىليون يۈەن ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قەرز پۇلى تارقاتتى.

  «كېپىللىك كارخانىلارنىڭ ئىناۋىتىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر، بانكىلارنىڭ خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم ۋاسىتىسى. مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك كەسپىنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرغاندا، كارخانىلارنىڭ قەرز پۇلغا ئېرىشىشچانلىقىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش 1 - باشقارمىسىنىڭ 2 - دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى لياڭ يۈۋېن. ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى 2 - تۈركۈمدىكى ئون مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك شىركىتىنىڭ خەلق بانكىسىنىڭ ئىناۋەت گۇۋاھلىقى سىستېمىسىغا كىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئۇلارنىڭ كارخانىلارنىڭ ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ئۇچۇرلىرىنى سۈرۈشتۈرۈشىگە قولايلىق ياراتتى؛ ھەم مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك شىركەتلىرىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى نۇقتىلىق ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىغا ئاۋۋال كېپىل بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى، كېپىللىك شىركەتلىرىنى كېپىللىك ھەققىنى ئەسلىدىكى %3 ~ %2تىن %1.5 ~ %0.5كە تۆۋەنلىتىشكە ئىلھاملاندۇردى. 5 - ئاينىڭ ئاخىرى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك شىركەتلىرى ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ۋە «يېزا، يېزا ئىگىلىكى، دېھقانلار»غا چېتىشلىق كارخانىلارنى 28 مىڭ 301 قېتىملىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك كەسپى بىلەن تەمىنلىدى.

  پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىدا يېڭىلىق يارىتىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتىشمۇ كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇشنى ھەل قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىر. «پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى قانچىكى كۆپ خىل بولغانسېرى، پۇل مۇئامىلە يوللىرىمۇ شۇنچە كۆپ مەنبەلىشىپ، كارخانىلارنىڭ تاللاش ئىمكانىيىتى شۇنچە زورىيىپ، ئۆز ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىنى ئاسانلا تېپىپ، ئۆزىنىڭ مەبلەغ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.» ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى جياڭ ۋېنيىڭ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ يەككە سودا - سانائەتچىلەر ئاز سوممىلىق كىرېدىت سىياسىتىنى يېڭىلىق يارىتىپ ئوتتۇرىغا قويدى، 5 - ئاينىڭ ئاخىرى، جەمئىي 100 مىڭ 100 يەككە سودا - سانائەتچىگە 5 مىليارد 245 مىليون يۈەن ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇل تارقىتىلدى. بۇنىڭدىن سىرت، ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى يەنە كارخانىلارنى كۆپ قاتلاملىق كاپىتال بازىرىدا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە يېتەكلەپ، كارخانىلارنىڭ بانكىلار ئارا بازاردا قەرزدارلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قورالىنى تارقىتىشىنى قوللىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ