مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ كېۋەز قاتارلىق «تۆت 1 مىليون مولۇق» ئۇرۇقلۇق بازىسى بەرپا قىلىدۇ

2020.06.29 13:45 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  شىنجاڭ «تۆت 1 مىليون مولۇق» ئۇرۇقلۇق بازىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، 2025-يىلىغا بارغاندا، بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، خاس دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ئۇرۇقلۇق بازىسىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمىنى 4 مىليون 196 مىڭ 800 موغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىدى.

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى-يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، «تۆت 1 مىليون مولۇق» ئۇرۇقلۇق بازىسى 12 ۋىلايەت، ئوبلاست (شەھەر)، 70 ناھىيە (شەھەر، رايون)دىكى 1292 كەنتكە چېتىلىدىكەن، نۆۋەتتە ئىنچىكىلەشتۈرۈلۈپ كەنتكىچە بولغان رايون ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تاماملانغان.

  «تۆت 1 مىليون مولۇق» ئۇرۇقلۇق بازىسى تۈرى يەر تۈزلەش، تۇپراقنى ياخشىلاش، ئېتىزلارنى سۇغىرىش، سۇ چىقىرىش ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئېتىز يوللىرىنى رېمونت قىلىش قاتارلىق مۇھىم ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، بىر تۈركۈم ئۆلچەملەشكەن ئۇرۇقلۇق ئېتىزلىرىنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، «بەشلەشكەن» (كۆلەملەشكەن، تۈجۈپىلەشكەن، ئۆلچەملەشكەن، ماشىنىلاشقان، ئۇچۇرلاشقان) ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ تۈردە يەنە 60 رايون بويىچە سورتلۇق ئۇرۇقلۇق بازىسى قۇرۇلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە كېۋەز 17، كۆممىقوناق 13، بۇغداي 19، خاس زىرائەت 11 ئىكەن.

  يۇقىرى سۈپەتلىك ئەلا سورتلارنى تەتقىق قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، بۇ تۈرنىڭ شىنجاڭ ئۇرۇقچىلىق كارخانىلىرىنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، خاس زىرائەتلەرنىڭ سۈپەتلىك ئۇرۇق بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئۇرۇقچىلىق بىخەتەرلىكى ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ باشلامچى ئۇرۇقچىلىق كارخانىلىرىنىڭ زورىيىشى ئارقىلىق كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئۇزىرىشىغا تۈرتكە بولدى. نۆۋەتتە شىنجاڭ (شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئۇرۇقىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى 3 مىليون 500 مىڭ مو ئەتراپىدا بولۇپ، يىللىق تېرىش مىقدارى 1 مىليون توننا ئەتراپىدا، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ ئىچىدە يىلىغا تەخمىنەن 300 مىڭ توننا ئۇرۇق سېتىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ